ئەنگلىيە بوغۇزى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئارىسىغا جايلاشقان ئەنگلىيە بوغۇزى (فرانسۇز تىلىدا لامانچې دېڭىز بوغۇزى دېيىلىدۇ) بىلەن ئۇنىڭ شەرقىدىكى دوۋېر بوغۇزى (فرانسۇز تىلىدا گالەي بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ) − دۇنيادىكى سۇ ترانسپورت ئىشلىرى ئەڭ بېسىق دېڭىز بوغۇزىدۇر. دوۋېر بوغۇزىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئەنگلىيە بوغۇزىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن600 كىلومېتىر كېلىدۇ (ئۇنىڭ ئىچىدە دوۋېر بوغۇزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى30 كىلومېتىردىن40 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ)، بوغۇزنىڭ غەربىي قىسمى بىرقەدەر چوڭقۇر، شەرقىي قىسمى بىرقەدەر تېيىز بولۇپ، ئەڭ چوڭقۇر جايى172 مېتىر كېلىدۇ.
ئەنگلىيە بوغۇزى غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغا، شەرقتە دوۋېر بوغۇزى ئارقىلىق شىمالىي دېڭىزغا تۇتىشىدۇ، ئۇ خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل، شۇنداقلا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئەنگلىيىگە بارىدىغان ئەڭ يېقىن سۇ يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بوغۇزنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى رايونلارنىڭ سانائىتى ۋە يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، سۇ يوللىرى زىچ، شۇڭا ئەنگلىيە بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان پاراخوتلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، ئادەتتە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن400 ~500 پاراخوت بۇ بوغۇزدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، ئەنگلىيە بوغۇزىنىڭ يىللىق مال ترانسپورت مىقدارى700 ~800 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، بۇ جەھەتتە مەزكۇر بوغۇز دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ياخشى ئىقلىم ئەۋزەللىكى بىلەن يۇمشاق قۇملۇق دېڭىز ساھىلى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغاچقا، بۇ جاينىڭ ساياھەت ئىشلىرىمۇ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان.
ئەنگلىيە بوغۇزى بىلەن دوۋېر بوغۇزى غەرب شاماللىرى بەلۋېغىغا جايلاشقان، دېڭىز سۈيى غەربتىن شەرققە قاراپ ئاقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوغۇزنىڭ غەربى كەڭ، شەرقى تار، يەنى ئەڭ كەڭ جايى180 كىلومېتىر، ئەڭ تار جايى8 .33 كىلومېتىر بولۇپ، خۇددى كاناي شەكلىدە بولغاچقا، ناھايىتى زور دەرىجىدىكى دېڭىز تاشقىنىنى پەيدا قىلىدۇ. دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئېگىزلىكى9 ~12 مېتىرغا يېتىدۇ.1966 - يىلى، فرانسىيە دۆلىتى ساينت مالو قولتۇقى ئەتراپىدىكى رانس دەرياسى ئېغىزىغا ئومۇمىي سىغىمى240 مىڭ كىلوۋات كېلىدىغان دېڭىز دولقۇنى ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇردى، ئۇنىڭ يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى550 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ.