جەبىلتارىق بوغۇزى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
بۇ بوغۇز شەرقىي شىمالى تەرىپىدىكى جەبىلتارىق پورتىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. مىلادىيە711 - يىلى مۇر مىللىتىدىن بولغان تانگېرنىڭ باش ۋالىيسى، شىمالىي ئافرىقىلىق تارىق دېگەن كىشى قوشۇن باشلاپ بۇ بوغۇزدىن ئۆتۈپ، ھازىرقى جەبىلتارىق پورتىدىكى يوغان بىر قورام تاش ئۈستىدە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ،100 مىڭدىن ئارتۇق ئىسپانىيە ئەسكىرىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن تارىق پەرمان چۈشۈرۈپ، بۇ يەرگە بىر قورغان ياساتقان ھەم ئۇنىڭغا «جەبىلتارىق» دەپ نام بەرگەن. ئۇنىڭ ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى «تارىق تېغى» دېگەندىن ئىبارەت. كېيىن ياۋروپالىقلار شۇ سۆزنىڭ ئاھاڭى بويىچە تەرجىمە قىلىپ «جەبىلتارىق» دەپ ئاتىغان.
جەبىلتارىق بوغۇزى بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز ياۋروپا قىتئەسى بىلەن ئافرىقا قىتئەسىنىڭ تەبىئىي پاسىلىدۇر. بوغۇزنىڭ شىمالىي تەرىپىدە ئەنگلىيىگە قاراشلىق جەبىلتارىق بىلەن ئىسپانىيە، جەنۇبىدا ماراكەش بار. بۇ بوغۇزنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى58 كىلومېتىر، كەڭلىكى13 كىلومېتىردىن43 كىلومېتىرغىچە بولۇپ، غەربى كەڭ، شەرقى تار، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى310 مېتىر كېلىدۇ. ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جەبىلتارىق بوغۇزى ئىنتايىن مۇھىم ئۆتكەل ھېسابلىنىدۇ.
جەبىلتارىق بوغۇزىدا كۈچلۈك «لېيفانت بورىنى» (ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىسمىدا چىقىدىغان كۈچلۈك بوران بولۇپ، جەبىلتارىق بوغۇزى رايونىدا ئەڭ كۈچلۈك چىقىدۇ) چىققاندىن سىرت، يەنە شەرق شامىلى بىلەن غەرب شامىلى دائىم چىقىپ تۇرىدۇ، ئاتلانتىك ئوكياندىكى تۇزلۇقلۇقى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان دېڭىز سۈيى غەربتىن شەرققە قاراپ ئاققان ئوكيان ئېقىمى بىلەن بىرلىكتە دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئۈستى قىسمى (دېڭىز سۈيىنىڭ ئۈستى قاتلىمى) ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھالدا ئوتتۇرا دېڭىزغا ئېقىپ كىرىدۇ؛ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بىرقەدەر تۇزلۇق ھەم ئېغىر بولغان دېڭىز سۈيى دېڭىز بوغۇزىنىڭ تەخمىنەن122 مېتىر كېلىدىغان چوڭقۇر جايىدىن ئاتلانتىك ئوكيانغا ئېقىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىدىغان سۇدىن ئېقىپ كىرىدىغان سۇ مىقدارى كۆپ بولغاچقا، دېڭىز سۈيى مۇقىم كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز تارىيىپ، بىر تۇز دېڭىزىغا ئايلىنىپ قالمىغان.
جەبىلتارىق بوغۇزى ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغاچقا، ئۇ ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىن ئاتلانتىك ئوكيانغا ئۆتۈپ، جەنۇبىي ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا ۋە غەربىي ئاسىياغا بېرىشتىكى مۇھىم دېڭىز يولىغا ئايلانغان.1869 - يىلى سۇۋەيش قانىلى قېزىلىپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارس قولتۇقى رايونىدىكى نېفىتلىكلەر كەڭ كۆلەمدە ئېچىلغاندىن كېيىن، جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. ھەر كۈنى نەچچە مىڭلىغان پاراخوتلار بۇ بوغۇزدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، قاتناش - ترانسپورتى ئىنتايىن بېسىق.