شىمالىي مۇز ئوكيان
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
شىمالىي مۇز ئوكيان شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئوكيان ئىچىدە ئەڭ كىچىك ۋە ئەڭ تېيىز ئوكيان ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ كۆلىمى13 مىليون100 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى ئاران1200 مېتىر كېلىدۇ.
شىمالىي مۇز ئوكيان ناھايىتى سوغۇق ئوكيان بولۇپ، ئوكيان يۈزىدە يىل بويى ئېرىمەيدىغان مۇز قاتلىمى بار، مۇز قاتلاملىرى شىمالىي مۇز ئوكيان ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ3 /2 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، قېلىنلىقى كۆپىنچە2 -4 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ مۇز قاتلىمى ئۈستىدە ئاپتوموبىللارنى ھەيدىگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئېغىر تىپتىكى ئايروپىلانلارنى قوندۇرغىلى بولىدۇ. شىمالىي مۇز ئوكياندىكى قاتتىق قىش يېرىم يىلغىچە داۋاملىشىدۇ. ئەڭ سوغۇق پەسىلدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃40 - ئەتراپىدا بولىدۇ. قۇتۇپ نۇقتىسىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى ئىقلىم شۇنچە سوغۇق، مۇزمۇ شۇنچە قېلىن بولىدۇ. قۇتۇپ نۇقتىسىنىڭ ئەتراپىدا مۇزنىڭ قېلىنلىقى30 مېتىردىن ئاشىدۇ.
شىمالىي مۇز ئوكياندىكى سۇنىڭ تېمپراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، كۆپ ۋاقىتلاردا ℃0 تىن تۆۋەن بولىدۇ. پەقەت ياز پەسلىدە چوڭ قۇرۇقلۇققا يېقىن بولغان سۇ رايونلىرىدا، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاران ℃0 تىن يۇقىرى بولۇپ، مۇز ئېرىش بەلۋېغىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئىللىق دېڭىز ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن، شىمالىي مۇز ئوكيان ئىچىدە يىل بويى توڭلىمايدىغان بىرقانچە ئىچكى دېڭىز شەكىللەنگەن.
شىمالىي مۇز ئوكياندا ئاراللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تىنچ ئوكياننىڭكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاراللارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى4 مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاساسلىق ئاراللىرىدىن گرېنلاندىيە ئارىلى، شپىتسبېرگېن تاقىم ئاراللىرى، ۋىكتورىيە ئارىلى قاتارلىقلار بار. قاتتىق سوغۇق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، شىمالىي مۇز ئوكيان رايونىدا جانلىقلارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلىرى مۇخ ۋە لىشاينىكلارنى ئاساس قىلىدۇ، ھايۋانلىرىدىن ئاق ئېيىق، دېڭىز پىلى، تيۇلېن، بۇغا ۋە كىت قاتارلىقلار بار، ئەمما ئۇلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئازلاپ بارماقتا.
شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم. شىمالىي مۇز ئوكياندىن ھالقىپ ئۆتىدىغان ھاۋا قاتناش لىنىيىسى ئاسىيا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ئارىلىقىدىكى مۇساپىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى. مەسىلەن، نيۇيوركتىن موسكۋاغا بېرىشتا شىمالىي مۇز ئوكياندىن ئۇچۇپ ئۆتسە، ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈشكە قارىغاندا تەخمىنەن1000 كىلومېتىرلىق ئۇچۇش مۇساپىسىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ. شىمالىي مۇز ئوكياندىكى دېڭىز قاتناش لىنىيىسى شەرق - غەرب ئارىلىقتىكى دېڭىز يولىنىمۇ زور دەرىجىدە قىسقارتتى، بىراق قىش پەسلى قاتتىق سوغۇق، مۇز قاتلىمى قېلىن ۋە مۇز تاغلىرى كۆپ بولىدىغانلىقتىن، دېڭىز قاتنىشى پەقەت ئىللىق پەسىل بىلەنلا چەكلىنىپ، مۇز يارغۇچى پاراخوتنىڭ يول باشلاپ مېڭىشىغا توغرا كېلىدۇ.