بەيتۇشەن تيەنچى كۆلى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
بەيتۇشەن تېغى جۇڭگو، چاۋشيەندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت چېگرىسىغا جايلاشقان، چاڭبەيشەن تېغىنىڭ ئاساسىي چوققىسىدۇر. بەيتۇشەن تيەنچى كۆلى بەيتۇشەن تېغىدا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى5 كىلومېتىر، كەڭلىكى4 كىلومېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن19 كىلومېتىر، كۆلىمى2 .9 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆل سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى204 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى373 مېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭقۇر كۆل ھېسابلىنىدۇ.
بەيتۇشەن تيەنچى كۆلى سۇ يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى2200 مېتىرغا يېتىدۇ. شۇڭا ئۇ «تيەنچى كۆلى» (تەڭرى كۆلى) دەپ ئاتالغان. نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئېگىز جايدا بۇنداق چوڭقۇر كۆل بولىدۇ؟ ئەسلىدە بەيتۇشەن تيەنچى كۆلى بىر يانار تاغ ئېغىزىدىكى كۆلدىن ئىبارەت ئىدى. گېئولوگىيىلىك دەۋرلەردىكى ئۈچىنچى دەۋرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئاجىز ئىشقارلىق لاۋا زور مىقداردا ئېتىلىپ چىقىپ، سائەت شەكىللىك يانار تاغنى ھاسىل قىلغان. يانار تاغ ئېغىزىدىن ئېتىلىپ چىققان ماددىلار تۆت ئەتراپىغا دۆۋىلىنىپ، ئوتتۇرىسى ئورەك بولۇپ شەكىللەنگەن.1702 - يىلى يانار تاغ ئاخىرقى بىر قېتىم پارتلىغاندىن كېيىن ئورەككە يىغىلغان سۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئاخىردا يانار تاغ ئېغىزى كۆلى، يەنى بەيتۇشەن تيەنچى كۆلى ھاسىل بولغان. بۇ كۆلنىڭ ئىچكى دىۋارى ئاق رەڭلىك كۆنەكسىمان تاش ۋە يىرىك تاغ جىنسلىرىدىن تەركىب تاپقان تىك قىيالاردىن ئىبارەت بولۇپ، خۇددى قاشتېشىدىن نەپىس ئويۇلغان قاچىغا ئوخشايدۇ، كۆلدە ھېچقانداق دولقۇن يوق، كۆل سۈيى ئىنتايىن تەملىك، بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەنلەر سۇنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىپلا قالماستىن، ھەتتا يەنە قاچىلىرىغا لىق سۇ ئېلىپ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە ئېلىپ كېتىدۇ. كۆل سۈيى يىل بويى سىرتقا قاراپ ئېقىپ ئىككى دەريا يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ.