UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلاربەش چوڭ كۆل

بەش چوڭ كۆل

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئا ق ش بىلەن كانادا ئارىسىدا بەش چوڭ كۆل بار، ئۇلار خۇددى قول تۇتۇشۇپ تۇرغان ئاكا - ئۇكىلاردەك ئۆزئارا باغلىنىپ بەش چوڭ كۆل رايونىنى ھاسىل قىلغان. كۆلىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بويىچە ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك رەتكە تۇرغۇزۇشقا بولىدۇ: يەنى ئەڭ چوڭى سۇپېرىئور كۆلى؛ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ھۇرون كۆلى؛ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى مىچىگان كۆلى؛ تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئېرى كۆلى؛ ئەڭ كىچىكى ئونتارىئو كۆلى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مىچىگان كۆلى پۈتۈنلەي ئا ق ش غا تەۋە بولغاندىن سىرت، قالغان كۆللەرنىڭ ھەممىسى ئا ق ش بىلەن كانادادىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە ئورتاق تەۋە. بەش چوڭ كۆل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل توپى، شۇڭا كىشىلەر «تاتلىق سۇلۇق دېڭىز - ئوكيان»، «شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ سۈيىنىڭ كۆپلۈكىنى سۈپەتلەيدۇ. بەش چوڭ كۆلنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى242 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئەنگلىيە زېمىنىنىڭ چوڭلۇقىغا باراۋەر كېلىدۇ. كۆل سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى99 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى406 مېتىر كېلىدۇ. سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى بالتىق دېڭىزى (55 مېتىر) ۋە شىمالىي دېڭىز (94 مېتىر) نىڭكىدىنمۇ چوڭقۇر. بەش چوڭ كۆلنىڭ ئومۇمىي سۇ سىغىمچانلىقى24458 كۇب كىلومېتىر بولۇپ، پارس قولتۇقى سۇ مىقدارىنىڭ5 .2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئەڭ چوڭ كۆل بولغان «سۇپېرىئور كۆلى» «بىرقەدەر چوڭ» دېگەن مەنىدە، ئۇنىڭ سۇ سىغىمچانلىقى بەش چوڭ كۆل ئومۇمىي سۇ سىغىمچانلىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايى406 مېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل ھېسابلىنىدۇ. بەش چوڭ كۆل ئوخشاش بىر «گورىزونتال تەكشىلىك» تە ئەمەس، سۇپېرىئور كۆلى ھۇرون كۆلىدىن7 مېتىر ئېگىز، شۇڭا سۇپېرىئور كۆلىنىڭ سۈيى ساۋلت ساينت مارى دەرياسى ئارقىلىق ھۇرون كۆلىگە ئېقىپ كىرىدۇ. ئېرى كۆلىنىڭ كۆل يۈزى ئونتارىئو كۆلىنىڭ كۆل يۈزىدىن تەخمىنەن100 مېتىر ئېگىز، شۇڭا بۇ ئىككى كۆلنى تۇتاشتۇرىدىغان نياگارا دەرياسىدا دۇنياغا مەشھۇر شارقىراتما ھاسىل بولغان. ئونتارىئو كۆلىنىڭ سۈيى ئاخىردا سېنت لاۋرېنتىس دەرياسى ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ. بەش چوڭ كۆل رايونىنىڭ ئىقلىمى ئىللىق، سۇ قاتنىشى قۇلاي، قېزىلما بايلىقلىرى مول بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ بىرى. ئەتراپىدا چىكاگو، كلېۋېلاند، تورونتو، بۇففالو قاتارلىق مۇھىم سانائەت شەھەرلىرى بار. ئا ق ش بىلەن كانادا كۆل ئەتراپىدا نۇرغۇن دۆلەتلىك باغچىلارنى ئاچتى، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ ھەم دەم ئالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار