بويلىڭ كۆلى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
بويلىڭ كۆلى كارىب دېڭىزى كىچىك ئانتىل تاقىم ئاراللىرىدىكى دومىنىكا ئارىلىغا جايلاشقان، يەنى ئارالنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان يانار تاغ رايونىنىڭ تاغ جىلغىسىدا. كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى90 مېتىردىن ئاشمايدۇ، بىراق كۆلنىڭ يان قىرغاقلىرى ھەم تىك، ھەم چوڭقۇر، كۆل قىرغىقىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى90 مېتىرغا يېتىدۇ.
بويلىڭ كۆلى قەرەللىك بۇلاقتىن ھاسىل بولغان. كۆل تېگىدە يۇمىلاق شەكىلدىكى بىر سۇ چىقىش ئېغىزى بار، بۇلاقتىن سۇ توختىغان مەزگىلدە تولۇقلىنىدىغان باشقا سۇ مەنبەسى بولمىغاچقا، كۆل سۈيى قۇرۇپ كېتىدۇ، بۇلاق سۈيى ئېتىلىپ چىقىشى بىلەنلا يەر - جاھان گۈرۈلدەپ، ئىسسىق ئېقىن كۆل تېگىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ، كۆل يۈزى ئىس - تۈتەك ۋە قىزىق سۇ ھورى بىلەن قاپلىنىدۇ، بەزىدە بۇلاق سۈيى يۇقىرىغا ئېتىلىپ چىقىپ، ئىككى - ئۈچ مېتىرلىق سۇ تۈۋرۈكىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، «بويلىڭ كۆلى» (قايناۋاتقان كۆل) دېگەن نام ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن.
بويلىڭ كۆلىنىڭ ئىسسىق سۈيى زادى نەدىن كەلگەن؟ ئەسلىدە، بويلىڭ كۆلى قەدىمكى يانار تاغ ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر شارىنىڭ چوڭقۇر جايىدىكى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مىنېرال ماددىلار بىلەن گۈڭگۈرت گازى بولغان لاۋا يۇقىرى ئۆرلەش داۋامىدا قەدىمكى يانار تاغ ئېغىزىغا تۇتىشىدىغان يولغا كىرىپ، شىددەت بىلەن يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىققان، نەتىجىدە، يۇقىرىقىدەك ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرە بارلىققا كەلگەن.
بويلىڭ كۆلى ئەتراپىدىكى رايونلار ئۇزۇندىن بۇيان گۈڭگۈرت گازى بىلەن باشقا زەھەرلىك گازلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقاچقا، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، كۆپىيىشى ناھايىتى زور تەسىرگە ئۇچرىغان، نەتىجىدە، نۇرغۇن دەل - دەرەخلەر ۋەيران بولۇپ، بۇ جاينى قاقاسلىق باسقان، شۇڭا بويلىڭ جاي يەنە »قاقاس جىلغا« دەپمۇ ئاتالغان.
بويلىڭ كۆلى، قەرەللىك بۇلاقنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى دائىم ھەيران قالدۇرماقتا، ئۇ ترىنىداد ئارىلىدىكى پىچ كۆلى بىلەن قوشۇلۇپ كارىب دېڭىزى رايونىدىكى ئىككى مۆجىزە دەپ قارىلىپ كەلمەكتە، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملار بىلەن ساياھەتچىلەرنى كېلىپ تەكشۈرۈشكە ۋە ساياھەت قىلىپ ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلماقتا.