UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلاربېيجىڭ - خاڭجۇ بۈيۈك قانىلى

بېيجىڭ - خاڭجۇ بۈيۈك قانىلى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار مەملىكىتىمىزدىكى بېيجىڭ - خاڭجۇ بۈيۈك قانىلى شىمالدا بېيجىڭدا باشلىنىپ، جەنۇبتا خاڭجۇغىچە بارىدۇ، بېيجىڭ، تيەنجىندىن ئىبارەت ئىككى شەھەر ۋە خېبېي، شەندۇڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شۇنداقلا خەيخې، خۇاڭخې، خۇەيخې، چاڭجياڭ، چيەنتاڭجياڭدىن ئىبارەت بەش چوڭ سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى1794 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن سۈنئىي دەريا ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان سۇۋەيش قانىلىمۇ ئۇنىڭ ئاران10 /1 گىلا توغرا كېلىدۇ. بېيجىڭ - خاڭجۇ قانىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قانال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن قېزىلغان قانال ھېسابلىنىدۇ. ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرىدە ۋۇ بەگلىكىنىڭ بېگى فۇچەي شىمالدىكى جى بەگلىكىگە جازا يۈرۈشى قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى485 - يىلىدىن باشلاپ خەنچىڭ (ھازىرقى ياڭجۇ) نىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن موكۇ (ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇەيئەن دېگەن يىرى) غىچە بولغان ئارىلىققا خەنگۇ قانىلىنى قازدۇرۇپ، چاڭجياڭ ۋە خۇەيخې دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرغان. بۇ بۆلەك قانالنىڭ قېزىلغىنىغا2400 يىلدىن ئاشتى. سۇي سۇلالىسى دايې يىللىرىنىڭ1 - يىلى (مىلادىيە605 - يىلى) سۇي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۇي ياڭدى سىرتتىن پايتەختكە ئاشىلىق يۆتكەش ۋە ياڭجۇغا بېرىپ «قىزىل بالان گۈلى» نى كۆرۈش مەقسىتىدە نەچچە مىليون ئەمگەك كۈچىنى يىغىپ لوياڭنى مەركەز قىلغان ھالدا تۇڭجى ئۆستىڭىنى قازدۇرۇپ، جەنۇبتا خەنگۇغا تۇتاشتۇرۇلغان ھەم چاڭئەندىن ياڭجۇ بويىغىچە بولغان بۆلىكىگە شاھانە يول ھەم ئارامگاھ ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لوياڭ ئەتراپىدا پۇڭجى ئۆستىڭىنى قازدۇرۇپ ۋېيخې دەرياسىغا تۇتاشتۇرۇپ، تيەنجىنگە بىۋاسىتە بارىدىغان يولنى ئاچقان، ئاندىن يۇڭدىڭ دەرياسىنى بويلاپ بېيجىڭ ئەتراپىغا تۇتاشتۇرۇلغان. مىلادىيە610 - يىلىغا كەلگەندە، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى دەريا يوللىرىنى كېڭەيتىش ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن جىڭكۇ (ھازىرقى جىياڭسۇدىكى جېنجياڭ) دىن يۈيخاڭ (ھازىرقى خاڭجۇ) غا كېمە بىلەن بىۋاسىتە بارىدىغان يول ئېچىلغان ھەمدە سۇ يولى كېڭەيتىلىپ، «ئەجدىھا شەكىللىك چوڭ كېمىلەر» مۇ قاتنىيالايدىغان بولغان. بۇ مەزگىلگە كەلگەندە، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان قانال پۈتۈنلەي قېزىلىپ بولۇپ، مەملىكىتىمىز تارىخىدىكى سەددىچىن سېپىلى بىلەن ئوخشاش شۆھرەتكە ئىگە بولغان ئۇلۇغ قۇرۇلۇش بولۇپ قالغان. سۇي سۇلالىسى مەزگىلىدە قېزىلغان بېيجىڭ - خاڭجۇ قانىلى لوياڭنى مەركەز قىلغاچقا، غەربكە قاراپ خاڭجۇدىن - بېيجىڭغا بارغۇچە چوڭ بىر ئەگىمدىن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى، يۈەن سۇلالىسى بېيجىڭنى پايتەخت قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئەگمە يولنى چاڭجياڭ، خۇەيخې دەرياسىدىن شەندۇڭ ئارقىلىق جەنۇبىي قانالغا بارىدىغان ئۇدۇل يولغا ئۆزگەرتكەن، بۇنىڭ بىلەن تەخمىنەن800 ~900 كىلومېتىر يول قىسقارغان. مانا بۇ بۈگۈنكى قانالنىڭ دەسلەپكى ھالىتى. قانالدا قاتناش باشلانغاندىن بېرى ئۇ ئىزچىل تۈردە پايتەختكە ئاشلىق يۆتكەيدىغان ۋە سودىگەرلەر مال توشۇيدىغان مۇھىم سۇ يولىغا ئايلىنىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ بىرلىكى ھەم ئىقتىساد، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور رول ئوينىغان. قانالنىڭ مۇستەقىل سۇ سىستېمىسىغا ئىگە بولمىغانلىقى، ئېقىپ ئۆتىدىغان رايونلار يەر تۈزۈلۈشىنىڭ ئېگىز - پەس بولۇشى ھەمدە خۇاڭخې دەرياسى قىنى ئۇنىڭدىن بىرقەدەر ئېگىز بولۇشى سەۋەبلىك، قانالغا لاتقىلار ئاسان تىنىپ قېلىپ يولى توسۇلۇپ قالغان.1911 - يىلى تيەنجىن - پۇكۇ تۆمۈريولى ياسىلىپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن قانالنىڭ ترانسپورت جەھەتتىكى ئورنى تۆۋەنلەپ، بەزى بۆلەكلىرى تاشلىۋېتىلگەن.1949 - يىلىدىن كېيىن قانال بۆلەكلەرگە ئايرىلىپ رەتلىنىپ، لاتقىلار تىنىپ قالغان كۆپ قىسىم سۇ يوللىرىدا قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۈيۈك قانالنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى خاڭجۇدا يەنە7 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قانال قېزىلىپ، بېيجىڭ - خاڭجۇ قانىلى بىلەن چيەنتاڭجياڭ دەرياسى تۇتاشتۇرۇلۇپ كېمىلەر قانال ئارقىلىق بىۋاسىتە چيەنتاڭجياڭ دەرياسىغا بارالايدىغان بولغان.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
بېيجىڭ - خاڭجۇ بۈيۈك قانىلى | UyghurWiki | UyghurWiki