UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارنياگارا شارقىراتمىسى

نياگارا شارقىراتمىسى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار نياگارا شارقىراتمىسى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئېرى كۆلى بىلەن ئونتارىئو كۆلى ئارىسىدىكى نياگارا دەرياسىغا جايلاشقان، دۇنيادىكى مەشھۇر شارقىراتمىلارنىڭ بىرى. نياگارا دەرياسى − ئا ق ش نىڭ نيۇيورك شتاتى بىلەن كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ چېگرىسى، ئۇنىڭ ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا5300 كۇب مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن مىقدارىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ئېقىنى تۇراقلىق، ئېرى كۆلىدىن چىققان سۇ نياگارا دەرياسىغا ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، تىك قىيادىن پەسكە ئوخچۇپ ئېقىپ چۈشۈپ، نياگارا چوڭ شارقىراتمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. نياگارا شارقىراتمىسىنىڭ ئومۇمىي كەڭلىكى1240 مېتىر، ئوتتۇرىچە چۈشۈش پەرقى51 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ كەڭلىكى350 مېتىر كېلىدىغان ئۇزۇنچاق سانياڭ ئارىلى تەرىپىدىن ئايرىلىپ تۇرغاچقا، تىك قىيادىن ئىككى كەڭ سۇ پەردىسىگە ئايرىلىپ چۈشىدۇ. ئۇنىڭ سول تەرىپىدىكىسى كاناداغا تەۋە، سۇ پەردىسىنىڭ كەڭلىكى914 مېتىر، چۈشۈش پەرقى4 .49 مېتىر كېلىدۇ، شەكلى يېرىم ھالقىسىمان ھالەتتە بولغاچقا، تاقىسىمان شارقىراتما دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئوڭ تەرىپىدىكىسى ئا ق ش غا تەۋە، سۇ پەردىسىنىڭ كەڭلىكى305 مېتىر، چۈشۈش پەرقى9 .50 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئادەتتە ئامېرىكا شارقىراتمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر لىفتقا ئولتۇرۇپ كۆرۈش مۇنارىغا چىقىپ قارىسىڭىز، كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان سۇ دولقۇنلىرىنى، چاچراپ چىققان سۇ تامچىلىرىنى كۆرەلەيسىز، بوشلۇققا تارقالغان سۇ تامچىلىرى بىلەن سۇ ھورلىرى خۇددى سەھەر ئاسمىنىدىكى تۇماندەك ئەتراپتىكى بىرقانچە كىلومېتىر دائىرىدە تارقىلىپ تۇرىدۇ. قۇياش نۇرىنىڭ يۇرۇتۇشىدا شارقىراتمىنىڭ يۇقىرىسىدا «ھەسەن - ھۈسەنلەر» پەيدا بولىدۇ. شارقىراتمىنىڭ چىقارغان قۇلاقنى پاڭ قىلۋەتكۈدەك ئاۋازنى بىرقانچە كىلومېتىر يىراقتىكىلەرمۇ ئاڭلىيالايدۇ. شۇ يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ تىلىدا «نياگارا» دېگەن سۆز «گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەۋاتقاندەك سۇ ئاۋازى» دېگەن مەنىدە. نياگارا شارقىراتمىسىنىڭ ئەتراپى دۇنياغا مەشھۇر ساياھەت رايونىغا ئايلانغان. شارقىراتمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئا ق ش بىلەن كانادانىڭ ھەرقايسىسىدا بىردىن نياگارا شارقىراتمىسى شەھىرى بار، ئىككى شەھەر كۆۋرۈك ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ يەرنىڭ ساياھەت ئەسلىھەلىرى بىرقەدەر تولۇق، كىشىلەر تىك ئۇچار ئايروپىلانغا، كىچىك كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ ياكى كۆرۈش مۇنارىغا چىقىپ، بۇ يەرنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدۇ ھەم لىفتقا ئولتۇرۇپ چوڭقۇر يەر ئاستى تونېلىغا چۈشۈپ گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەۋاتقاندەك سۇ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار