ئاتلانتىك ئوكيان
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ئاتلانتىك ئوكيان جەنۇبىي ئامېرىكا، شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئانتاركتىدانىڭ ئارىلىقىدىكى ئوكيان بولۇپ، شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكيانغا، جەنۇبتا ئانتاركتىدا، شۇنىڭدەك تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان سۇ رايونلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ.
ئاتلانتىك ئوكيان دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئوكيان بولۇپ، كۆلىمى93 مىليون370 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى3627 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر بولغان پورتورىكو دېڭىز چۆكمىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى8742 مېتىر كېلىدۇ. ئوكياننىڭ ئاستىدىكى دېڭىز داۋىنى3000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇنىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى تاغ ئومۇرتقىلىرىلا ئوكيان يۈزىگە چوقچىيىپ چىقىپ، ئاراللارنى شەكىللەندۈرگەن، شۇڭا ئۇنىڭدىكى ئاراللار تىنچ ئوكياننىڭكىدىن خېلى ئاز. كۆپ قىسىم ئاراللار كارىب دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا مەركەزلەشكەن. ئەينى ۋاقىتتا كولۇمبۇ بۇ جايدىكى ئاراللارنى ھىندىستاننىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار دەپ خاتا تونۇپ، ئۇلارغا ناھايىتى ماس كەلمەيدىغان »ھىندى تاقىم ئاراللىرى« دېگەن نامنى بەرگەن، كېيىنچە غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتالغان.
ئاتلانتىك ئوكيان يۈزىدىكى سۇنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃16.9بولۇپ، تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيانلارنىڭكىدىن تۆۋەن. ئەمما ئېكۋاتور دېڭىز رايونىدىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ، تەخمىنەن26 سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ.
ئاتلانتىك ئوكياندىمۇ بىرقانچە چوڭ ئوكيان ئېقىمى بولۇپ، ئېقىپ ئۆتىدىغان رايونلارنىڭ ئىقلىمىغا روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، داڭلىق مېكسىكا قولتۇقى ئىللىق ئېقىمى دېڭىز - ئوكياندىكى ئەڭ چوڭ بولغان ئىللىق ئېقىمنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ كەڭلىكى43 −108 دېڭىز مىلى، چوڭقۇرلۇقى200 −700 مېتىر، ھەر سائەتلىك ئېقىن سۈرئىتى3 -4 دېڭىز مىلى، سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃24 كېلىدۇ، غەربىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ياۋروپانىڭ ئىقلىمىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتلانتىك ئوكياندا داڭلىق بولغان لابرادور سوغۇق ئېقىمى بار.
ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قاتنىشىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ياۋروپادىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئېكسپېدىتسىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاتلانتىك ئوكيانغا يۈرۈش قىلىشتىن باشلانغان. ئاتلانتىك ئوكياندىكى غەلىتە بولغان «S» شەكىلدىكى دېڭىز قىرغاق لىنىيىسى گېرمانىيىلىك مېتېئورولوگ ۋېگېنېرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇ يۈرەكلىك ھالدا مەشھۇر «ماتېرىكلارنىڭ لەيلەپ يۈرۈش» تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.