UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارھىندى دەرياسى

ھىندى دەرياسى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار ئەگەر «ھىندى دەرياسى قايسى دۆلەتتە؟» دەپ سورىسا، بەزىلەر «ھىندى دەرياسى ئەلۋەتتە ھىندىستاندا بولمامدۇ» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن، بۇ توغرا ئەمەس. ھىندى دەرياسىنىڭ ئەسلىي يۇرتى مەملىكىتىمىزنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى گاندىس تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي ئېتىكىدۇر. ئۇ غەربىي شىمالغا قاراپ ئېقىپ كەشمىرنىڭ تاغ جىلغىلىرىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبقا بۇرۇلۇپ پاكىستاننىڭ شەرقىي شىمال چېگىرىسىغا ئېقىپ كىرىدۇ. پاكىستان چېگرىسىدا تۇز جىنسلىق تاغلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، «بەش دەريا ئاقىدىغان جاي» دەپ ئاتالغان پەنجاپ تۈزلەڭلىكىگە ئېقىپ كىرىدۇ، بۇ يەردە بەش تارماق ئېقىن ئۇنىڭغا قوشۇلغاچقا، سۇ مىقدارى زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ. ئۇ يەنە جەنۇبقا بۇرۇلۇپ لاتقا تۈزلەڭلىك ۋە دەريا دېلتىسىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىردا ئەرەب دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. ھىندى دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى3180 كىلومېتىر بولۇپ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا ھېسابلىنىدۇ. دەريا ۋادىسى كۆلىمى.960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ دەريانىڭ غول ئېقىمىنىڭ كۆپ قىسمى پاكىستان زېمىنى تەۋەسىدە، پەقەت يۇقىرى ئېقىمىدىكى بىر قىسىم غول ئېقىم بىلەن بەزى تارماق ئېقىملىرى ھىندىستان تەۋەسىدە. ھىندى دەرياسىنىڭ كۆپ قىسىم غول ئېقىمى پاكىستان چېگرىسى ئىچىدە تۇرسىمۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن «ھىندى دەرياسى» دەپ ئاتىلىدۇ؟ بۇنىڭدا تارىخىي سەۋەب بار. ھىندىستان بىلەن پاكىستان ۋە بېنگال دۆلىتى ئەسلىدە جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىر دۆلەت ئىدى. كېيىن ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان.1947 - يىل8 - ئاينىڭ15 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، «ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ باشقۇرغان» دا، ھىندىستان ۋە پاكىستان دەپ ئىككىگە ئايرىلغان (پاكىستان كېيىنكى بېنگال دۆلتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دەريا سۈيىنى بىرقانچە دۆلەت ئورتاق ئىشلىتىدىغان بولغان. ماجىرا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت1960 - يىلى «ھىندى دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىشلىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان»، كېلىشىمدە: ھىندى دەرياسى سۇ سىستېمىسى ئومۇمىي سۈيىنىڭ5 /1 قىسمىنى ھىندىستان ئىشلىتىدۇ، قېپقالغان قىسمىنى پاكىستان ئىشلىتىدۇ. دەپ بەلگىلەنگەن. ھىندى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىقلىمى قاتتىق ئىسسىق ھەم قۇرغاق. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى300 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ. شەرقىي جەنۇب قىسمىدا يەنە چوڭ كۆلەمدىكى قۇملۇق بار. ھىندى دەرياسىدا يىلدا ئىككى قېتىم تاشقىن پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدىكى تۈزلەڭلىكتە ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا جايلاشقان سۇغىرىش ئۆستەڭلىرى ئىنتايىن كۆپ، نوپۇسى زىچ، بۇغداي، كېۋەز ۋە شال كۆپ تېرىلىدۇ. شۇڭا، پاكىستان «ئاشلىق ئامبىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى ھىندى دەرياسى قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىكىنىڭمۇ مۇھىم بازىسىدۇر.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار