ئاسىيا
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ئاسىيا شەرقىي يېرىم شارنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرق تەرىپى تىنچ ئوكيانغا، جەنۇب تەرىپى ھىندى ئوكيانغا، شىمال تەرىپى شىمالىي مۇز ئوكيانغا تۇتىشىدۇ. غەربى ئۇرال تاغ تىزمىسى، ئۇرال دەرياسى، كاسپى دېڭىزى، كافكاز تاغ تىزمىسى ۋە قارا دېڭىز ئارقىلىق ياۋروپا قىتئەسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ؛ غەربىي جەنۇبى قىزىل دېڭىز، سۇۋەيش قانىلى ئارقىلىق ئافرىقا قىتئەسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ؛ شەرقىي شىمالى بېرىڭ بوغۇزى ئارقىلىق شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ؛ شەرقىي جەنۇبى تىمور دېڭىزى، ئارافۇرا دېڭىزى ۋە باشقا بىر قىسىم دېڭىز رايونلىرى ئارقىلىق ئوكيانىيە قىتئەسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى44 مىليون كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ3 /1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قىتئە ھېسابلىنىدۇ.
ئاسىيادا كەڭ كەتكەن ئېگىزلىكلەر بىلەن نۇرغۇنلىغان ھەيۋەتلىك چوڭ تاغ تىزمىلىرى بار. ئېگىزلىك ۋە تاغلىقلار پۈتكۈل قىتئە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن4 /3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى، ئىران ئېگىزلىكى، دېكان ئېگىزلىكى ۋە موڭغۇلىيە ئېگىزلىكى ئاسىيادىكى تۆت چوڭ ئېگىزلىك ھېسابلىنىدۇ. چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى4000 مېتىردىن ئاشىدۇ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى6000 مېتىردىن ئاشىدۇ. ھىمالايا تاغ تىزمىسىدىن باشقا ئاسىيادىكى داڭلىق تاغ تىزمىلىرىدىن يەنە كوئىنلۇن تاغ تىزمىسى، تەڭرىتاغ تىزمىسى، ئالتاي تاغ تىزمىسى ۋە ھىندىقۇش تاغ تىزمىسى قاتارلىقلار بار. يەتتە قىتئە ئىچىدە ئاسىيادا تاغ تىزمىلىرى بىلەن ئېگىز چوققىلار ئەڭ كۆپ.
ئاسىيانىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئوتتۇرىسى ئېگىز، تۆت ئەتراپى پەس بولۇپ، نۇرغۇنلىغان چوڭ دەريالارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىك، تاغلىقلاردىن باشلىنىپ رادىئاتسىيىسىمان ھالەتتە ئېقىپ، ئەتراپتىكى دېڭىز - ئوكيانلارغا قۇيۇلىدۇ. شىمالغا قاراپ ئېقىپ شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان دەريالاردىن يېنىسېي دەرياسى، ئوب دەرياسى، لېنا دەرياسى قاتارلىقلار بار؛ شەرققە قاراپ ئېقىپ تىنچ ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان دەريالاردىن خېيلۇڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى، جۇجياڭ دەرياسى ۋە مېكۇڭ دەرياسى قاتارلىقلار بار؛ جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ ھىندى ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان دەريالاردىن گانگ دەرياسى ۋە ھىندى دەرياسى قاتارلىقلار بار؛ بۇ دەريالارنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىملىرىغا ئادەتتە كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك بىلەن دەريا دېلتىلىرى جايلاشقان، مەسىلەن، گانگ دەرياسى تۈزلەڭلىكى، ھىندى دەرياسى تۈزلەڭلىكى، شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىنى تۈزلەڭلىكى قاتارلىقلار. ئاسىيا قىتئەسى تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يانار تاغ، يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ھەرىكەتتىكى يانار تاغ ئەڭ كۆپ بولغان قىتئە ھېسابلىنىدۇ، يەر تەۋرەشمۇ بىرقەدەر كۆپ يۈز بېرىدۇ. ئاسىيا تۈزلەڭلىكلىرىنىڭ كۆلىمى، ماتېرىك بوسۇغىسىنىڭ كۆلىمى، يېرىم ئاراللىرىنىڭ كۆلىمى، ئۇزۇن دەريالىرى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرىنىڭ سانى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئاسىيا سوغۇق بەلۋاغ، مۆتىدىل بەلۋاغ ۋە تروپىك بەلۋاغدىن ئىبارەت ئۈچ ئىقلىم بەلۋىغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىقلىمى مۇرەككەپ ۋە خىلمۇخىل، مۇسسونلۇق ئىقلىمنى ئاساس قىلىدۇ. يازدا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، يامغۇرى كۆپ، قىشتا قۇرغاق ۋە سوغۇق بولىدۇ.
ئاسىيادا قېزىلما بايلىقلار مول بولۇپ، نېفىت، كۆمۈر، تەبىئىي گاز قاتارلىقلار ناھايىتى كەڭ تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە غەربىي ئاسىيا رايونىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىتنىڭ زاپاس مىقدارى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىران بىلەن كۇۋەيتتىمۇ مول بولغان نېفىت بايلىقى بار.
ئاسىيادا40 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بار بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى2 مىليارد800 مىليوندىن ئاشىدۇ، دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان قىتئە ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئاسىيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت. ئاسىيادا سېرىق تەنلىكلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، غەربىي ئاسىيا بىلەن جەنۇبىي ئاسىياغا ئاق تەنلىكلەر تارقالغان، ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن مالاي تاقىم ئاراللىرىغا يەنە ئاز ساندا قارا تەنلىكلەر تارقالغان.