گۋىنېيە قولتۇقى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
گۋىنېيە قولتۇقى غەربىي ئافرىقىدىكى ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ غەربتە لىبېرىيىدىكى پالماس تۇمشۇقىدىن باشلىنىپ، شەرقتە گابوندىكى لوپېس تۇمشۇقىغىچە بارىدۇ. ئەتراپىدا لىبېرىيە، كوت دى ئىۋورى، گانا، توگو، بېنىن، نىگېرىيە، كامېرۇن، ئېكۋاتور گۋىنېيىسى قاتارلىق دۆلەتلەر بار.
گۋىنېيە قولتۇقىنىڭ كۆلىمى1 مىليون530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بېنگال قولتۇقى ۋە مېكسىكا قولتۇقىدىن قالسا دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. گۋىنېيە قولتۇقىدا سان تومې، پرىنسىپې قاتارلىق يانار تاغ ئاراللىرى بار. قىرغاقلىرىدا تېيىز دېڭىز ساھىللىرى، شۇنداقلا بۈك - باراقسان ئورمانلار كۆپ.
ئافرىقىدا گۋىنېيە دېگەن سۆز بىلەن ئاتىلىدىغان ئۈچ دۆلەت بار، ئۇلار گۋىنېيە، گۋىنېيە - بىسساۋۇ ۋە ئېكۋاتور گۋىنېيىسى. گۋىنېيە قولتۇقىنىڭ نامى دۆلەت نامى بولغان گۋىنېيىدىن كەلگەن. «گۋىنېيە» دېگەن سۆز شۇ يەرنىڭ تىلى بويىچە «مەن ئايال كىشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ياۋروپا ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى تۇنجى قېتىم گۋىنېيە قولتۇقىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا چىققاندا بىر ئايالغا ئۇچراپ، ئۇنىڭدىن بۇ دۆلەتنىڭ نامىنى سورىغاندا، ئۇ ئايال ئۇلارنىڭ گېپىنى چۈشەنمەي «گۋىنېيە» (مەنىسى: «مەن بىر ئايال كىشى، ئىشىڭلار بولسا ئەرلەردىن سوراڭلار، مەن ئۇقمايمەن» دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزنىلا قىلغان، ياۋروپالىقلار بۇ سۆزنى دۆلەتنىڭ نامى ئوخشايدۇ دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان ھەم ھازىرغا قەدەر قوللىنىپ كەلگەن.