UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارمۇزلۇقلار

مۇزلۇقلار

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار يەر شارىدىكى بىرقەدەر يۇقىرى كەڭلىككە جايلاشقان رايونلار ۋە ئېگىز تاغ رايونلىرىنىڭ ئىقلىمى ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق بولۇپ، قار - مۇزلار يىل بويى ئېرىمەيدۇ، نەتىجىدە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆك رەڭلىك سۈزۈك مۇز قاتلىمى شەكىللىنىدۇ. مۇز قاتلىمى بېسىم كۈچى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە يانتۇ يۈزنى بويلاپ ئاستا - ئاستا يۆتكىلىپ، تەدرىجىي ھالدا مۇزلۇقنى شەكىللەندۈرىدۇ. مۇزلۇقلار يۆتكىلىپ تۇرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سىيرىلىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولۇپ، يەر شەكلىنىڭ يانتۇلۇقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، چومولاڭما چوققىسىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ يىللىق سۈرۈلۈش سۈرئىتى117 مېتىر بولۇپ، ئېلىمىزدىكى سۈرۈلۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز مۇزلۇق ھېسابلىنىدۇ. بىراق چومولاڭما چوققىسىدىكى چوڭ مۇزلۇقلارنىڭ بەزىلىرى ئازراقمۇ سۈرۈلمەيدۇ. مۇزلۇقلارنىڭ يۆتكىلىش سەۋەبى شۇكى، مۇزلۇقنىڭ كاۋاكچىلىرىدا سۇ بولىدۇ، بېسىم كۈچى ۋە يانتۇلۇقنىڭ تەسىرىدە بۇ سۇلار سىلىقلاش مېيىغا ئوخشاش مۇزلۇقلارنىڭ تۆۋەنگە قاراپ يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. يەر شارىدىكى مۇزلۇقلار تەخمىنەن29 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىكى سۇنىڭ زاپاس مىقدارى يەر شارىدىكى ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ %2 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن بىۋاسىتە پايدىلانغىلى بولىدىغىنى ناھايىتى ئاز. مۇزلۇقلار شەكىل - ھالىتى ۋە جايلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ماتېرىك مۇزلۇقى ۋە ئېگىز تاغ مۇزلۇقى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ماتېرىك مۇزلۇقى يەنە يېپىنچا مۇز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ مۇزلۇقتىكى «گىگانت ئادەم» بولۇپ، كۆپىنچە ئىككى قۇتۇپ رايونىدا ئۇچرايدۇ. ماتېرىك مۇزلۇقى يەر شەكلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، مۇز گەۋدىسى قېلىن ھەم غايەت زور بولغاچقا، ئېگىز - پەس جايلار مۇزلۇقنىڭ ئاستىدا قالىدۇ، مۇزلۇقنىڭ ئوتتۇرىسى ئېگىز، تۆت ئەتراپى پەس بولىدۇ. مەسىلەن، گرېنلاندىيە مۇزلۇقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى1 مىليون650 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، گرېنلاندىيە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ % 90ىنى ئىگىلەيدۇ. مۇزلۇق مەركىزىنىڭ ئەڭ قېلىن يېرى1860 مېتىرغا يېتىدۇ، چەتلىرىنىڭ بولسا ئاران45 مېتىر كېلىدۇ. بۇ خىلدىكى مۇزلۇقلارنىڭ دۇنيادىكى مۇزلۇقلار ئىچىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئەڭ چوڭ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ماتېرىك مۇزلۇقى ئەڭ چوڭ. ئېگىز تاغ مۇزلۇقى تاغلىقلاردا يېتىلىدۇ، ئۇنىڭ شەكىل - ھالىتى دائىم يەر شەكلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ھەجمى ماتېرىك مۇزلۇقىدىن خېلىلا كىچىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، يىراقلارغا سوزۇلغان؛ بەزىلىرى شارقىراتمىغا ئوخشاش ناھايىتى ھەيۋەتلىك؛ بولۇپمۇ بەزى مۇزلۇقلاردىكى مۇز مۇنارلىرى، مۇز ئۆڭكۈرلىرىنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، ئاجايىپ - غارايىپ. مۇزلۇقلار قاتتىق ھالەتتىكى سۇ ئامبىرىغا ئوخشاش كۆپ مىقداردىكى تاتلىق سۇنى زاپاس ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قۇرغاق رايونلارنى ئېچىشقا، قۇملۇقلارنى ئۆزگەرتىشكە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولىدۇ. ھالبۇكى، مۇزلۇقلارنىڭ ھەممىسى ئېرىپ كەتسە، دېڭىز يۈزى تەكشىلىكى80 −90 مېتىر ئۆرلەپ، يەر شارىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان تۈزلەڭلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىپايان دېڭىزغا ئايلىنىدۇ. ئا ق ش دىكى نيۇيوركتا پەقەت ب د ت بىناسى بىلەن ئاسمانغا تاقاشقان بىرقانچە بىنانىڭ ئۆگزىسىلا، فرانسىيىدىكى پارىژدىمۇ پەقەت ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئۇچىلا سۇ يۈزىدىن چىقىپ تۇرۇشى مۇمكىن؛ گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق نەچچە ئونلىغان پەس يەرگە جايلاشقان دۆلەتلەر قايتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. … ئەلۋەتتە بۇ خىل قورقۇنچلۇق مەنزىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى ئاز. مېتېئورولوگلارنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، يەر شارى ئىقلىمىنىڭ تەدرىجىي ئىسسىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزلۇقلار چېكىنىشكە باشلىغان. ھىمالايا تېغىدىكى ئەڭ چوڭ بىر پارچە مۇزلۇق1935 - يىلىدىن باشلاپ300 مېتىردىن كۆپرەك چېكىنگەن. ئەگەر يەر شارى ئىقلىمىنىڭ ئىسسىپ كېتىش ۋەزىيىتى سىجىل داۋاملاشسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا ئالىملار ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراپ، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يەر شارىنى قۇتقۇزۇپ قالايلى دەپ بار كۈچى بىلەن مۇراجىئەت قىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
مۇزلۇقلار | UyghurWiki | UyghurWiki