UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارخۇاڭخې دەرياسى

خۇاڭخې دەرياسى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار خۇاڭخې دەرياسى جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ دەريا، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى5464 كىلومېتىر، دەريا ۋادىسى كۆلىمى750 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. «كۆرمىدىڭمۇ كۆز سېلىپ، ئەرشتىن چۈشكەن پېتى خۇاڭخې سۈيى ئۆركەشلىنىپ، كەڭ دېڭىز ۋەسلىگە يەتكەنچە يەنە كەلمەس يېنىپ.» بۇ تاڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن مەشھۇر شائىر لى بەينىڭ خۇاڭخې دەرياسىغا قىلغان مەدھىيە سۆزىدۇر. خۇاڭخې دەرياسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۆشۈكى، ئارخېئولوگلار خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى شەنشىنىڭ لەنتيەن، سەنشىنىڭ دىڭسۇن دېگەن يېرىدىن قەدىمكى مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ تاشقا ئايلانغان قاتمىسىنى بايقىغان، شىئەندىكى بەنپودىن ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق قەبىلىسىنىڭ خارابىسىنى بايقىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەجدادلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى شيەنياڭ، چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن)، لوياڭ ۋە كەيفېڭ قاتارلىق قەدىمكى پايتەختلەرنىڭ ھەممىسى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان، تارىختا بېيجىڭ شەھىرىمۇ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدا ئىدى. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدا300 مىليون مودىن ئارتۇق مۇنبەت تېرىلغۇ يەر بار، خۇاڭخې دەرياسى پۈتمەس - تۈگىمەس ئانا سۈتى بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى باقماقتا. خۇاڭخې دەرياسى چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى بايانقارا تېغىنىڭ غەربىي بۆلىكىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى كارچۈي دەريا قىنىدىكى بۇلاقلاردىن باشلىنىپ، چىڭخەي، سىچۇەن، گەنسۇ، نىڭشيا، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى، سەنشى، خېنەن، شەندۇڭ قاتارلىق توققۇز ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوندىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاخىردا بوخەي دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. باش مەنبەسىدىن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خېكۇغىچە بولغان بۆلىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدۇر. دەريانىڭ باشلانغان دەسلەپكى بۆلىكىنىڭ سۈيى سۈزۈك، ئىككى قىرغىقىدا ئوت - چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل. خۇاڭخې دەرياسى چىڭخەي ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىدە لۇڭياڭشيا، ليۇجياشيا قاتارلىق بوغۇزلاردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. بۇ بوغۇزلاردا سۇنىڭ ئېقىشى تېز، سۇ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، نۇرغۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلدى. خۇاڭخې دەرياسى چىڭتۇڭشيا بوغۇزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، نىڭشيا تۈزلەڭلىكى بىلەن خېتاۋ تۈزلەڭلىكىگە ئېقىپ كىرىدۇ. خېتاۋ تۈزلەڭلىكى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى مۇنبەت، ئوت - چۆپلىرى بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، «خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇنبەت جاي» دېگەن نامى بار. خېكۇدىن خېنەندىكى مېڭجىنغىچە بولغان بۆلىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدۇر. يۈيمېنكۇدا خۇاڭخې دەرياسى لۇڭمېن تېغى تەرىپىدىن قىسىلىپ ئاقىدىغان بولغاچقا، كەڭلىكى100 مېتىر كېلىدىغان دەريا قىنىدا سۇ ئۇرغۇپ، تېز ئاقىدۇ، مانا بۇ مەشھۇر «لۇڭمېن» دىن ئىبارەت. خۇاڭخې دەرياسى فېڭلىڭدۇدىن چىقىپ جىددىي بۇرۇلۇپ شەرققە قاراپ ئېقىپ، سەنمېندىجۇ (سەنمېنشيا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. بۇ يەردە مەشھۇر سەنمېنشيا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى بار. دەريانىڭ ئوتتۇرا ئېقىن بۆلىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، يەنە كېلىپ فېزخې ۋە ۋېيخى قاتارلىق تارماق ئېقىملار خۇاڭخې دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ، شۇڭا بۇ بۆلەكتە دەريانىڭ سۇ مىقدارى كۆپىيىدۇ، تەركىبىدىكى قۇم ۋە لاتقا مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، دەريا سۈيى دۇغلىشىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق خۇاڭخې دەرياسى «سېرىق دەريا» غا ئۆزگىرىدۇ. مېڭجىندىن دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغىچە بولغان بۆلىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى، يەنى شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىدۇر. بۇ بۆلەكتە دەريا يولى كەڭرى، سۈيىنىڭ ئېقىشى ئاستا بولغاچقا، ئېلىپ كەلگەن دەريا لاتقىلىرى زور مىقداردا تىنىپ دەريا قېىنىنى ئېگىزلىتىۋېتىدۇ. دەريا سۈيىنىڭ تېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دەريانىڭ ئىككى قېشى ئېگىزلىتىلگەن، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جېڭجۇدىكى خۇايۈەنكۇ دېگەن يېرىدىن باشلاپ دەريا قىنى ئىككى قىرغىقىدىن4 -5 مېتىر ئەتراپىدا ئېگىز چىقىپ تۇرىدۇ. بەزى جايلىرىدا ھەتتا10 مېتىرغا يېتىپ دۇنياغا مەشھۇر «يەر ئۈستى دەريا» غا ئايلىنىپ قالغان. شۇڭا يار ئېلىپ كېتىپ، خۇاڭخې دەرياسى يولىنى ئۆزگەرتىدىكەن، ھەمىشە بالايىئاپەتلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. خۇاڭخې دەرياسى «يەر ئۈستى دەريا» بولۇشى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تەركىبىدىكى لاتقا مىقدارىنىڭ كۆپلۈكى بىلەنمۇ مەشھۇر، ئەزەلدىنلا ئۇنى «بىر چىنە سۈيىدىن يېرىم چىنە لاتقا چىقىدۇ» دېيىشىدۇ. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يىللىق لاتقا ئېقىتىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا4 مىليارد390 مىليون توننىغا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا1 مىليارد600 مىليون توننىغا يېتىدۇ. بۇ لاتقىلارنى4 توننىلىق يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن توشۇشقا توغرا كەلسە،1 مىليون100 مىڭ ئاپتوموبىل كۈنىگە بىر قېتىمدىن توشۇسا بىر يىلدا ئاران توشۇپ بولالايدۇ. بۇ1 مىليارد600 مىليون توننا لاتقىنىڭ400 مىليون توننىسى دەريا يولىغا تىنىپ قالىدۇ، قالغان1 مىليارد200 مىليون توننىسى دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. نەتىجىدە، دەريانىڭ دېڭىز قۇيۇلۇش ئېغىزى ھەر يىلى3 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن دېڭىزغا قاراپ سۈرۈلمەكتە. يېقىنقى100 يىلدىن بۇيان، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدا لاتقىلارنىڭ دۆۋىلىنىشىدىن كۆلىمى5400 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دەريا دېلتىسى ھاسىل بولغان. ئەگەر بوخەي دېڭىزى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئولتۇرۇشۇپ كەتمىگەن بولسا، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ لاتقىلىرى77000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بوخەي دېڭىزىنى ئاللىقاچان تىندۇرۇپ تۈزلىۋەتكەن بولاتتى.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار