يەر ئاستى سۈيى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
يەر ئاستىدا كەڭ دائىرىدە ساقلىنىپ تۇرىدىغان ھەر خىل ھالەتتىكى سۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ يەر ئاستى سۈيى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاتموسفېرا ھۆل - يېغىنى يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ساقلىنىش شارائىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، يەر ئاستى سۈيىنى ئۈستى قاتلامدىكى توختام سۇ، يوشۇرۇن سۇ ۋە ئارتېزىيان سۈيى دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
ئۈستى قاتلامدىكى توختام سۇ قىسمەن جايلارنىڭ سۇ ئۆتكۈزمەسلىك رولى تۈپەيلىدىن، يەر ئاستىغا سىڭگەن ئاتموسفېرا ھۆل - يېغىنىنىڭ تېيىز قاتلامدىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ يېرىقلىرى ياكى چۆكمە قاتلامدا يىغىلىشىدىن شەكىللەنگەن. ئۈستى قەۋەتتىكى توختام سۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى تار، سۇ مىقدارى ئاز ھەمدە پەسىللىك ئۆزگىرىشى روشەن بولىدۇ، يامغۇر پەسلىدە مول بولىدۇ، قۇرغاق پەسىلدە پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. يوشۇرۇن سۇ يەر ئاستىدىكى بىرىنچى تۇراقلىق سۇ ئۆتكۈزمەس قاتلامنىڭ ئۈستىدىكى يەر ئاستى سۈيى بولۇپ، ئادەتتە ئۇچرايدىغان يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يوشۇرۇن سۇدىن ئىبارەت. يوشۇرۇن سۇ يەر يۈزىگە ئېقىپ چىقىپ بۇلاقنى شەكىللەندۈرىدۇ. يوشۇرۇن سۇ بىرقەدەر كەڭ تارقالغان، سۇ مىقدارى بىرقەدەر مۇقىم، ئۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئارتېزىيان سۈيى بىرقەدەر چوڭقۇرراق قاتلامدىكى ئىككى سۇ ئۆتكۈزمەس قاتلامنىڭ ئارىسىدا ئاقىدىغان يەر ئاستى سۈيىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل يەر ئاستى سۈيىنىڭ بېسىمى ھەمىشە بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى سۇ ئۆتكۈزمەس قاتلام يانتۇ ھالەتتە بولغاندا ئارىلىق قەۋەتتىكى سۇ تېخىمۇ چوڭ بېسىم كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئۈستى قەۋەتتىن قۇدۇق قېزىلسا ياكى تۆشۈك تېشىلسە، كۈچلۈك بېسىم تەسىرىدىن سۇ يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ، ئارتېزىيان سۈيىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
يەر ئاستى سۈيى ناھايىتى چوڭ جەمەت. تەخمىنىي ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى150 مىليون كۇب كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ يەر شارىدىكى ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ10 /1 ىنى دېگۈدەك تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئاتلانتىك ئوكياندىكى سۇنىڭ مىقدارىدىنمۇ كۆپ.
يەر ئاستى سۈيى ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، شەكىل - ھالىتى خىلمۇخىل بولىدۇ. سىرغىپ ئاقىدىغان سۈزۈك بۇلاقلارمۇ، ھەيۋەت بىلەن ئېتىلىپ چىقىدىغان فونتانلارمۇ، بۇژغۇنداپ ئاقىدىغان يوشۇرۇن دەريالارمۇ بار …، كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە يەرنى مۇئەييەن چوڭقۇرلۇقتا قازسىلا، ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى تاپالايدۇ.
يەر ئاستى سۈيى ناھايىتى ماھىر بىناكار ۋە ھەيكەلتىراش، ئۇ ھاك جىنس قاتلاملىرىدىكى يېرىقلاردا ئۇزاق ۋاقىت ئېقىپ ھاك جىنسلىرىنى يالاپ، نۇرغۇن ئاجايىپ - غارايىپ شەكىللەرنى، سىرلىق كارستلىق غارلارنى ياساپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ گۇيلىندىكى چىشىڭ (يەتتە يۇلتۇز) كارستلىق غارى، ئا ق ش نىڭ كېنتۇككى شتاتىدىكى لاچيە تېغىدىكى مامونت ئۆڭكۈرى قاتارلىقلار يەر ئاستى سۈيىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدۇر.
يەر ئاستى سۈيى بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ، قۇدۇق سۈيى ۋە بۇلاق سۈيى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يەر ئاستى سۈيىدۇر. بىراق يەر ئاستى سۈيىمۇ بەزىبىر زىيانلارنى پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، يەر ئاستى سۈيى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، تۆمۈريول ۋە تاشيوللارنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كان رايونلىرىدا خاڭ يولىنى بېسىۋالىدۇ، سازلىق قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش لازىم، يەر ئاستى سۈيىنى قارىغۇلارچە، زىيادە ئاچماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، يەر ئاستى ئۆڭكۈرى ۋە يەر قاتلاملىرىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.