ئازوۋ دېڭىزى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى مارجان دېڭىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايى9174 مېتىر كېلىدۇ؛ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئانتاركتىدا قىتئەسى ئەتراپىدىكى سكوتسىيە دېڭىزى، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى3400 مېتىر كېلىدۇ؛ ئەكسىچە ئازوۋ دېڭىزى دۇنيادىكى ئەڭ تېيىز دېڭىز.
ئازوۋ دېڭىزى روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىغا جايلاشقان، كۆلىمى ئىنتايىن كىچىك، يەنى ئارانلا38840 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى پەقەت سەككىز مېتىر بولۇپ، ئەڭ چوڭقۇر جايىمۇ14 مېتىرلا كېلىدۇ.
ئازوۋ دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدا كۆلىمى ئازوۋ دېڭىزىدىن11 ھەسسە چوڭ كېلىدىغان قارا دېڭىز بار. كېرچ بوغۇزى بۇ ئىككى دېڭىزنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. كۆرۈنۈشتە ئازوۋ دېڭىزى قارا دېڭىزنىڭ بىر دېڭىز قولتۇقىغىلا ئوخشايدۇ.
ئازوۋ دېڭىزى سۈيىنىڭ تۇز مىقدارى (‰9~‰11) قارا دېڭىزنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن، ئازوۋ دېڭىزىنىڭ بېلىق مەھسۇلات مىقدارى قارا دېڭىزنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ، دېڭىزدا لېڭفىي بېلىقى، لېڭلۇ بېلىقى، ئانچوئۇس بېلىقى، لېش بېلىقى قاتارلىق بېلىق تۈرلىرى بار بولۇپ، شۇ جايدىكى بېلىق چىقىدىغان مۇھىم رايوندۇر.