تىتىكاكا كۆلى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
تىتىكاكا كۆلى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاند تاغلىق رايونىغا، يەنى پېرۇ بىلەن بولىۋىيىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان. كۆلىمى تەخمىنەن8030 كۋادرات كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى100 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى304 مېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز كۆل ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3812 مېتىر كېلىدىغان بۇنداق ئېگىز جايدا مۇشۇنداق بىر چوڭ كۆلنىڭ بولۇشىنى ھەقىقەتەنمۇ بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ.
تىتىكاكا كۆلىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، كىشىگە يېقىشلىق بولۇپ، مەشھۇر ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. كۆلدە51 ئارال بار. كۆل رايونىدا ياشايدىغان ئىندىئانلار چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىققا تايىنىپ ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان بىر خىل غەلىتە قاتناش قورالى − يېكەن قولۋىقى بار، ئۇ بولسىمۇ كۆل ئەتراپىدا ئۆسكەن قېنىق مايسا رەڭ يېكەندىن توقۇپ ياسالغان قولۋاق. بۇنداق قولۋاق يېنىك ھەم ئەپچىل بولۇپ، بېلىق تۇتۇشقا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. سالمو بېلىقى بۇ كۆلنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتىدۇر.
بۇ رايون ئىدىئانلار مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرى، كۆلدىكى قۇياش ئارىلى بىلەن ئاي ئارىلىدا يەرلىك ئىندىئانلار مۇقەددەس دەپ قاراپ كەلگەن ئوردا، بۇتخانا، ئېھرام قاتارلىق قەدىمىي قۇرۇلۇشلار ساقلىنىپ كەلمەكتە.12 - ئەسىردە، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلار ئاند تاغلىق رايونىدا خېلىلا گۈللەنگەن ئىمپېرىيە قۇرغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ يەردىكى قۇياش ئارىلى بىلەن ئاي ئارىلى دۆلەتنى قۇرغۇچى پادىشاھنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن ئۆزگىرىپ ئالتۇن، كۈمۈشلەردىن قاتۇرۇلغان دەپ قارىلىدىكەن. كۆلنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسىدە بىر پۈتۈن تاشتىن ئويۇلغان تاش ئىشىك كېشىكى بار.
بۇ جايدا نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە ھايۋانلار، يەنى لاما، ئېكۋادور قوي تۆگىسى، ئامېرىكا تۆگىسى قاتارلىقلار بار. سەل تېيىزراق كەلگەن كۆل تېگىدە كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل چوڭ يېشىل پاقا ياشايدۇ. ئۇنىڭ كۈل رەڭ، يېشىل ۋە قارا رەڭلىك تۈرلىرى بار، مۆلچەرلىنىشىچە، مەزكۇر كۆلدە بۇ خىلدىكى پاقىدىن نەچچە مىليونى ياشايدىكەن.