UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارئانگېل شارقىراتمىسى

ئانگېل شارقىراتمىسى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر لى بەي لۇشەن شارقىراتمىسىنى مەدھىيىلەپ، مۇنداق مىسرالارنى يازغان: «تۇرار سەكرەپلا ئۈچ مىڭ چى ئېگىزدىن باغرى دەرياغا، گويا ئاسمان يولى ئەرشتىن غۇلاۋاتقان كەبى پەسكە.»گەرچە بۇ بىر خىل بەدىئىي مۇبالىغىلەشتۈرۈش بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادا راستتىنلا «ئۈچ مىڭ چى ئېگىزلىكتىن ئېقىپ چۈشىدىغان» شارقىراتما بار، ئۇ بولسىمۇ جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلادىكى ئانگېل شارقىراتمىسىدۇر. ئانگېل شارقىراتمىسىنىڭ چۈشۈش پەرقى979 مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇ گۋىئانا ئېگىزلىكىنىڭ ئەڭ ئېگىز قىسىمىنىڭ غەربىي شىمالى تەرىپىدىكى قارائو دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىمىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يېرىگە قويۇق ئىپتىدائىي ئورمانلىق تارقالغان، تىك يارنى بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە ئېگىز تاغ، قويۇق ئورمان بار بولۇپ، ئادەم ئاياغ باسمىغان «ئالۋاستى يارلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ.1935 - يىلى ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچى جىممى ئانگېل ئالتۇنغا تولغان دەريانى ئىزدەپ كېتىۋېتىپ، «ئالۋاستى يارلىقى» ئۈستىگە كەلگەندە، ئۇشتۇمتۇت غايەت زور بىر گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلىغان، بۇ ئاۋاز ئايروپىلان ماتورىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازىنىمۇ بېسىپ كەتكەن. ئۇ تۆۋەنگە قاراپ، ئاپئاق سۇنىڭ بۇلۇت ئارىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ شارقىراپ ئېقىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئانگېل تاغ جىلغىسىدا يۇقىرى - تۆۋەن بىرقانچە قېتىم ئۇچۇپ، ئالتمېتىر ئارقىلىق بۇ شارقىراتمىنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ800 مېتىردىن1600 مېتىرغىچە كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، بۇنى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان چوڭ شارقىراتما دەپ قارىغان.1949 - يىلى ئا ق ش جۇغراپىيە ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، كىشىلەر بۇ شارقىراتمىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئاخىر بىلگەن. بۇ شارقىراتما ئاۋۋال807 مېتىر ئېگىزلىكتىن توغرىسىغا سوزۇلغان قىياغا چۈشىدىكەن، ئاندىن يەنە172 مېتىر كېلىدىغان پەس جايغا ئېقىپ چۈشىدىكەن، كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئىكەن. ئۇ دۇنيادىكى ئىككىنچى ئېگىز شارقىراتما − جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تۇگېلا شارقىراتمىسىدىن126 مېتىر ئېگىز، ئافرىقىدىكى موسى - ئوئاتۇنىيە شارقىراتمىسى ئېگىزلىكىنىڭ سەككىز ھەسسىسىدىن ئارتۇق.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار