سارگاسسو دېڭىزى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ دېڭىز قىرغىقى بولىدۇ، يەنى چوڭ قۇرۇقلۇق ياكى باشقا قۇرۇقلۇقلار بىلەن تۇتىشىدۇ. بىراق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان سارگاسسو دېڭىزى بولسا «ئوكيان ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىزدۇر»، ئۇنىڭ غەرب تەرىپى شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن كەڭ كەتكەن دېڭىز رايونى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، باشقا ئۈچ تەرىپىمۇ كەڭ ئوكيان رايونىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر دېڭىز قىرغىقى يوق دېڭىزدۇر، بۇ دېڭىزنىڭ دېڭىز قىرغىقى بولمىغاچقا، دېڭىز تەۋەلىكىنى ئايرىپ تۇرغۇدەك پاسىلىمۇ يوق. سارگاسسو دېڭىزى شىمالىي كەڭلىك ° 20~ °53 قىچە، غەربىي ئۇزۇنلۇق °30 ~ ° 57 لۇق دائىرىگە جايلاشقان، كۆلىمى بىرقانچە مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەتراپىنى مېكسىكا ئىللىق ئېقىمى، شىمالىي ئېكۋاتور ئىللىق ئېقىمى ۋە كانارىيە سوغۇق ئېقىمى قورشاپ تۇرىدۇ.
سارگاسسو دېڭىزىنىڭ يۈزى يېشىل رەڭلىك يىلتىزسىز سۇ ئۆسۈملۈكى − سارگاسسو بىلەن قاپلانغان بولۇپ، خۇددى بىر پارچە يايلاق مەنزىرىسىدەك كۆرۈنىدۇ. دېڭىز بورىنى ۋە ئوكيان ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە لەيلەپ يۈرگەن سارگاسسو خۇددى بىر غايەت زور زەيتۇن رەڭلىك گىلەم دولقۇنلاپ يىراقلارغا كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ دېڭىز رايونى يەنە بىر جەھەتتىن يىل بويى بوران چىقمايدىغان رايوندۇر. پار ماشىنىسى كەشىپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى، كېمىلەر شامالغا تايىنىپ دېڭىز - ئوكيانلاردا قاتنايتتى. ئۇ مەزگىللەردە مەزكۇر دېڭىز رايونىغا كىرىپ قالغان كېمىلەر شامال بولمىغاچقا ماڭالماي قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتى، شۇڭا بۇ دېڭىز بۇرۇندىنلا قورقۇنچلۇق «سېھىرلىك دېڭىز» دەپ قارىلىپ كەلگەن.1492 - يىل8 - ئاينىڭ3 - كۈنى سەھەردە ئىتالىيىلىك دېڭىزچى كولۇمبۇ باشچىلىقىدىكى كېمە ئەترىتى مۇشۇ يەردە سارگاسسو تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان. ئۇلار سارگاسسو دېڭىزىدا توپتوغرا ئۈچ ھەپتە مېڭىپ، ئاران بۇ خەتەردىن قۇتۇلغان.
سارگاسسو دېڭىزى دەريالارنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن يىراق بولۇپ، دېڭىزدا لەيلىمە جانلىقلار ناھايىتى ئاز، شۇڭا دېڭىز سۈيى ئىنتايىن سۈزۈك، كۆپكۆك ھالەتتە كۆرۈنىدۇ، سۈزۈكلۈكى5 .66 مېتىرغا، بەزى جايلىرىنىڭ72 مېتىرغا يېتىدۇ. شۇڭا سارگاسسو دېڭىزى دۇنيادىكى ئەڭ سۈزۈك دېڭىز ھېسابلىنىدۇ.
سارگاسسو دېڭىزىدا نۇرغۇن ئالاھىدە بېلىق تۈرلىرى بار. مەسىلەن، ئۇچار بېلىق، كىرپە بېلىق، گىستيوفورۇس بېلىقى، مالىن بېلىقى، سارگاسسۇم بېلىقى قاتارلىقلار. ئۇلار كۆپىنچە دېڭىز يۈسۈنلىرىگە تايىنىپ ياشايدۇ، ئۆزلىرىنى نىقابلاشقا، رەڭگىنى ئۆزگەرتىشكە ماھىر بولۇپ، دېڭىز يۈسۈنلىرىگە ئوخشاش قىياپەت ۋە رەڭگە كىرىۋالىدۇ. ئەڭ غەيرىيرەكى سارگاسسۇم بېلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ رەڭگى سارگاسسۇمنىڭكىگە ئوخشايدۇ، كۆزىنىڭ رەڭگىمۇ ئۆزگىرىشچان كېلىدۇ. «دۈشمىنىگە» يولۇققاندا زور مىقداردىكى دېڭىز سۈيىنى ئىچىۋېلىپ بەدىنىنى كۈپتەك چوڭايتىۋالىدۇ، نەتىجىدە، «دۈشمىنىمۇ» ئۇنىڭغا چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.