ئوتتۇرا دېڭىز
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ئوتتۇرا دېڭىز جەنۇبىي ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا ۋە غەربىي جەنۇبى ئاسىيا ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى قۇرۇقلۇق ئارىسىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ دېڭىزدۇر. ئۇنىڭ غەربتىن شەرققىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى4000 كىلومېتىر كېلىدۇ، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئوتتۇرىچە كەڭلىكى ئۇزۇنلۇقىنىڭ5 /1 ىگە توغرا كېلىدۇ، غەربىي ئۇچىدىكى ئەڭ تار جايى ئاران5 .13 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى1500 مېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى2 مىليون505 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياۋروپا قىتئەسى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن4 /1 ىگە توغرا كېلىدۇ، يەنى ئۇ دۇنيادىكى ئالتىنچى چوڭ دېڭىزدۇر. يېرىم ئارال ۋە دېڭىزدىكى ئاراللارنى چېگرا قىلغان ھالدا ئوتتۇرا دېڭىز يەنە لىگۇرىيە دېڭىزى، تىررېن دېڭىزى، ئادرىياتىك دېڭىزى، ئىئونىيە دېڭىزى ۋە ئېگېي دېڭىزى قاتارلىق يەتتە «تارماق» دېڭىزغا ئايرىلىدۇ.
ئەسلىدە ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشقا دېڭىز − ئوكيانغا بارىدىغان ئىككىلا يول بار ئىدى، بىرى، شەرقىي شىمال قىسمىدىكى داردانىل بوغۇزى، مەرمەر دېڭىزى، بوسفور بوغۇزى ئارقىلىق قارا دېڭىزغا بارىدىغان يول؛ يەنە بىرى، غەربىدىكى جەبىلتارىق بوغۇزى ئارقىلىق بىۋاسىتە ئاتلانتىك ئوكيانغا بارىدىغان يول. دېڭىز بويىدا دېڭىز پورتلىرى ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن، جەبىلتارىق (ئەنگلىيىگە قاراشلىق)، ماسساي (فرانسىيە)، ناپلېس ۋە ۋېنىتسىيە (ئىتالىيە)، ئافېنا (گىرېتسىيە)، دوررېست (ئالبانىيە)، شۇنداقلا مىسىرگە قاراشلىق پورت سەئىد قاتارلىق مۇھىم دېڭىز پورتلىرى بار. ئوتتۇرا دېڭىز ئەزەلدىن تارتىپلا ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىدىغان ۋە تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇھىم سۇ يولى بولۇپ كەلمەكتە، مىسىر، گىرېتسىيە ۋە رىمنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى مانا مۇشۇ ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سۇۋەيش قانىلى ئېچىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرا دېڭىزدا يەنە بىر يول كۆپىيىپ، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ئۆتكەلگە ئايلانغان، بۇنىڭ بىلەن كېمىلەر ئۈزۈلمەي قاتناپ تۇرىدىغان ئاۋات سۇ يولى شەكىللەنگەن.
ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا غايەت زور ئالپ تاغ تىزمىسى، جەنۇبىي قىرغىقىدا كۆز يەتكۈسىز كەڭ كەتكەن سەھرايى كەبىر چۆلى بار، جەنۇبى ۋە شىمالىدا پەقەت نىل دەرياسى بىلەن پو دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تاتلىق سۇلۇق دەريانىڭ سۈيى ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنىڭ ياز پەسلى ئىنتايىن ئىسسىق ھەم قۇرغاق بولىدۇ، شۇڭا دېڭىز سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى ئىنتايىن كۆپ. ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى دېڭىز سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىشى تۈپەيلىدىن دېڭىز سۈيىنىڭ سۇ ئورنى5 .1 مېتىر ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. مانا مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ سۈيى كۈندىن - كۈنگە ئازىيىپ بېرىشى كېرەك، ئەمەلىيەتتە ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب: داردانىل بوغۇزى، بوسفور بوغۇزى ۋە جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ ھەم دېڭىز قاتنىشى يولى، ھەم دېڭىز سۈيى ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يول بولغانلىقىدا. قارا دېڭىز بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تۇزلۇقلۇقى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان دېڭىز سۈيى ھەرقايسى دېڭىز بوغۇزلىرىنىڭ ئۈستى قىسمى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھالدا ئوتتۇرا دېڭىزغا ئېقىپ كىرىپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا دېڭىزدىكى تۇزلۇقلۇقى بىرقەدەر يۇقىرى ھەم نىسبەتەن ئېغىر كەلگەن دېڭىز سۈيى ھەرقايسى دېڭىز بوغۇزىنىڭ چوڭقۇر قىسمى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھالدا قارا دېڭىز بىلەن ئاتلانتىك ئوكيانغا ئېقىپ چىقىپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق دېڭىز سۈيىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئالمىشىپ تۇرۇشى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ سۈيى كۈندىن - كۈنگە ئازلىماي، تۇزلۇقلۇقىمۇ ئېشىپ كەتمەي، ئاساسەن بىر خىل ھالەتتە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ئوتتۇرا دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇقلۇقى گەرچە ئانچە بەك تۆۋەن بولمىسىمۇ، لېكىن فوسفات كىسلاتا تۇزى بىلەن نىترات كىسلاتا تۇزىنىڭ مىقدارى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا پايدىسىز، شۇڭا ئوتتۇرا دېڭىزدىن تۇننۇس بېلىقى، ساردىن بېلىقى قاتارلىق بىرقانچە خىللا بېلىق چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سانائەتتىن بۇلغىنىش ئېغىر بولغاچقا، بۇ بېلىقلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.