UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلاربالتىق دېڭىزى

بالتىق دېڭىزى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار دېڭىز سۈيى ئادەتتە ھەم تۇزلۇق، ھەم قىرتاق بولۇپ، ئىچكىلى بولمايدۇ، بىراق، بالتىق دېڭىزىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ كۆرسىڭىز تۇزى باردەك ھېس قىلمايسىز. بالتىق دېڭىزى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي كەڭلىك 45° لۇق جايدىن شەرقىي شىمالغا قاراپ شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى ئەتراپىغىچە سوزۇلغان. ئۇزۇنلۇقى1600 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى190 كىلومېتىر، كۆلىمى420 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى بوخەي دېڭىزىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بالتىق دېڭىزى سۈيىنىڭ تۇزلۇقلۇق دەرىجىسى ‰7 ~ ‰8 غىچە بولۇپ، دۇنيادىكى دېڭىزلار سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇزلۇقلۇق دەرىجىسى (‰35) دىن خېلىلا تۆۋەن؛ ھەرقايسى دېڭىز قولتۇقلىرى سۈيىنىڭ تۇزلۇقلۇق دەرىجىسى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئاران ‰2 ئەتراپىدا. بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب: ئۇنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتىنىڭ ئانچە ئۇزۇن بولمىغانلىقىدا، يەنى بۇ جاي مۇز دەۋرى ئاخىرلاشقاندا مۇز سۈيى بىلەن قاپلانغان بىپايان ئوكيان ئىدى. كېيىن كۆپ مىقداردىكى سۇ شىمالىي قۇتۇپقا چېكىنگەن، پەقەت ئەڭ پەس ئويمان جايدىكى سۇ ساقلىنىپ قېلىپ دېڭىز بولۇپ شەكىللەنگەن، شۇڭا دېڭىز سۈيىنىڭ سۇ سۈپىتى بىرقەدەر ياخشى. يەنە بىر جەھەتتىن، بالتىق دېڭىزى يۇقىرى كەڭلىك رايونىغا جايلاشقان بولغاچقا، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، دېڭىز سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ دېڭىز دەل غەرب شاماللىرى بەلۋېغىغا جايلاشقان بولغاچقا، غەرب شامىلىنىڭ تەسىرىدە مەزكۇر جايدا ھۆل - يېغىن كۆپ بولىدۇ، تۆت ئەتراپىدىكى نۇرغۇن چوڭ - كىچىك دەريالار قوشۇلۇپ، كۆپ مىقداردىكى تاتلىق سۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇ دېڭىزغا قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن بالتىق دېڭىزى ئوتتۇرىسىدىكى سۇ يولى ھەم تېيىز، ھەم تار بولغاچقا، تۇزلۇقلۇقى يۇقىرى بولغان دېڭىز سۈيى ئاسانلىقچە بالتىق دېڭىزىغا ئېقىپ كىرەلمەيدۇ، شۇڭا، بالتىق دېڭىزى سۈيىنىڭ تۇزلۇقلۇقى ئىنتايىن تۆۋەن. بالتىق دېڭىزىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى ئىنتايىن ئەگرى - بۈگرى، دېڭىزدا ئاراللار ناھايىتى كۆپ، بوتنى قولتۇقى، فىن قولتۇقى، رىگا قولتۇقى قاتارلىق مەشھۇر قولتۇقلار بار. ئۇنىڭ ئەتراپىغا نورۋېگىيە، دانىيە، شۋېتسىيە، فىنلاندىيە، روسىيە، پولشا، گېرمانىيە، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا قاتارلىق دۆلەتلەر جايلاشقان. روسىيىنىڭ ساينت پېتېربۇرگ، شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكخولم، فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكى قاتارلىقلار بالتىق دېڭىزى بويىدىكى داڭلىق شەھەرلەردۇر. بالتىق دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى ئاران86 مېتىر كېلىدۇ، بۇنداق ھەم تۇزسىز، ھەم تېيىز دېڭىزدا قىش پەسلىدە ئاسانلا مۇز تۇتىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي دېڭىز رايونلىرىدا ھەر يىلى قىش پەسلى مۇز تۇتۇش تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل سۇ قاتنىشى توختايدۇ، سېلد بېلىقى، يوغانباش ترېسكا بېلىقى ۋە كامبالا بېلىقى − بالتىق دېڭىزىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدۇر.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
بالتىق دېڭىزى | UyghurWiki | UyghurWiki