UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارمارجان دېڭىزى

مارجان دېڭىزى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار پۈتۈن دۇنيادىكى دېڭىزلار ئىچىدە كۆلىمى2 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ دېڭىزدىن سەككىزى بار،3 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ دېڭىزدىن ئۈچى بار،4 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ دېڭىزدىن مارجان دېڭىزىدىن ئىبارەت پەقەت بىرىلا بار، ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى4 مىليون791 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مارجان دېڭىزى جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا تەۋە دېڭىز. ئۇنىڭ غەرب تەرىپى ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى تاسمان دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ، شەرقىي شىمال تەرىپى يېڭى ھېبرىد تاقىم ئاراللىرى، سولومون تاقىم ئاراللىرى، يېڭى گۋىنېيە ئارىلى (ئىرىئان ئارىلى) بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. مارجان دېڭىزىنىڭ دېڭىز ئاستى يەر شەكلى ئاساسەن غەربتىن شەرققە قاراپ يانتۇلاشقان، كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى3000 ~4000 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر جايى9174 مېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز ھېسابلىنىدۇ. مارجان دېڭىزى تروپىك بەلۋاغقا جايلاشقان، سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يىل بويى ℃20 تىن يۇقىرى، ئەڭ ئىسسىق ئايلاردا ℃82 تىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەتراپىدا بۇ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريا ئاساسەن يوق دېيەرلىك. دېڭىز سۈيى ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ،20 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى نەرسىلەرنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، سۇ ئاستىدىكى يورۇقلۇق يېتەرلىك. دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇقلۇق دەرىجىسى ‰27 ~ ‰38 كېلىدۇ. يۇقىرىقى شارائىتلار مارجان قۇرتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئىنچىكە ھەم ئۇششاق مارجان قۇرتلىرى ماتىرىك بوسۇغىسى ۋە تېيىز دېڭىز ساھىلىدا كۆپىيىپ، يېتىلگەندىن كېيىن كۆپلىگەن مارجان خادا تاشلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ مارجان خادا تاشلىرى دېڭىز سۈيىدىن سەل - پەللا كۆتۈرۈلۈپ چىققان بولۇپ، كۆپكۆك دېڭىز سۈيىنى رەڭدار قىلىپ زىننەتلەپ، ئاجايىپ گۈزەل تروپىك بەلۋاغ مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مارجان دېڭىزىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان مارجان خادا تېشى − چوڭ توسما خادا تاش بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز سۈيىدە ھەر خىل رەڭدىكى، چاقناپ تۇرىدىغان دېڭىز جانلىقلىرى ياشايدۇ، ئۇلار مارجان قۇرتلىرى بىلەن بىرلىكتە رىۋايەتلەردە ئېيتىلغاندەك ئاجايىپ - غارايىپ چۆچەك دۇنياسىنى شەكىللەندۈرگەن. مارجان دېڭىزىدا يەنە توپ - توپ ئاكۇلا (لەھەڭ) ياشايدىغان بولغاچقا، مارجان دېڭىزىنى كىشىلەر يەنە «ئاكۇلا دېڭىزى» دەپمۇ ئاتىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار