تىنچ ئوكيان
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
تىنچ ئوكيان ئاسىيا، ئوكيانىيە، جەنۇبىي ئامېرىكا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئانتاركتىدانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوكيان بولۇپ، شىمال تەرىپى بېرىڭ بوغۇزى ئارقىلىق شىمالىي مۇز ئوكيان بىلەن، غەربىي جەنۇبتا ھىندى ئوكيان بىلەن، شەرقىي جەنۇبتا ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ.
تىنچ ئوكيان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئوكيان. تۆت چوڭ ئوكيان ئىچىدە ئۇنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سۈيى ئەڭ چوڭقۇر. كۆلىمى180 مىليون كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتكۈل دېڭىز - ئوكيان ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ؛ سىغىمچانلىقى720 مىليون كۇب كىلومېتىردىن، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى4000 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر بولغان مارىئان چۆكمىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى1103 مېتىر كېلىدۇ. تىنچ ئوكيان يەنە ئاراللىرى ئەڭ كۆپ بولغان ئوكيان بولۇپ، ئاراللىرىنىڭ كۆلىمى4 مىليون400 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
تىنچ ئوكيان يەنە سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئوكيان، سۇ يۈزىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃19 قا يېتىدۇ، شىمالىي كەڭلىك7 گرادۇسنىڭ ئەتراپىدىكى سۈيىنىڭ تېمپراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ℃28 تىن ئېشىپ كېتىدۇ. پۈتكۈل تىنچ ئوكياننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك رايونىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ تېمپېراتۇرىسى ℃20 تىن يۇقىرى بولۇپ،4 /1 قىسىم رايوندا ℃25 تىن ئېشىپ كېتىدۇ.
تىنچ ئوكيان يەنە دېڭىز چۆكمىسى كۆپ، يانار تاغ، يەر تەۋرەشلەر ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان ئوكيان بولۇپ، جەمئىي28 چوڭ دېڭىز چۆكمىسى بار، ئۇلار ئايلانما شەكىلدە تىنچ ئوكياننىڭ ئەتراپىدىكى تېيىز دېڭىز بىلەن چوڭقۇر ئوكيان ئويمانلىقى ئۆزئارا چېگرىلىنىدىغان رايونغا جايلاشقان. نۇرغۇنلىغان دېڭىز چۆكمىلىرىدە ھەرىكەتتىكى يانار تاغلارنىڭ سانى360 تىن ئاشىدۇ، بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەرىكەتتىكى يانار تاغ ئومۇمىي سانىنىڭ85 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى پۈتۈن دۇنيادىكى يەر تەۋرەش ئومۇمىي قېتىم سانىنىڭ80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
تىنچ ئوكياندا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئوكيان ئېقىمى سىستېمىسى بار، بۇ ئوكيان ئېقىملىرى يەر شارىدىكى شامال بەلۋاغلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بەلگىلىك يۆنىلىشنى بويلاپ ئاستا - ئاستا ئاقما ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ ئېقىپ ئۆتكەن رايونلارنىڭ ئىقلىمىغا روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. تىنچ ئوكياندىكى داڭلىق سوغۇق ئېقىملاردىن كۇرىل سوغۇق ئېقىمى، كالىفورنىيە سوغۇق ئېقىمى، پېرۇ سوغۇق ئېقىمى ۋە شەرقىي جۇڭگو سوغۇق ئېقىمى قاتارلىقلار بار؛ مەشھۇر ئىللىق ئېقىم بولسا كۇرۇستو ئېقىمىدىن ئىبارەت.