ھورموز بوغۇزى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ھورموز بوغۇزى غەربىي ئاسىيادىكى ئومان يېرىم ئارىلى بىلەن ئىران ئارىسىغا جايلاشقان، ئۇ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئىنتايىن مول بولغان پارس قولتۇقىنى ھىندى ئوكيانغا چىققىلى بولىدىغان ئومان قولتۇقى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. پارس قولتۇقىنىڭ كەڭلىكى180 كىلومېتىردىن320 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، ھورموز بوغۇزىنىڭ ئەڭ تار جايى بولسا ئاران9 .38 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ پارس قولتۇقىنىڭ بىردىنبىر چىقىش ئېغىزىدۇر. ئەگەر بۇ دېڭىز بوغۇزى قامال قىلىنىدىكەن، غەرب دۇنياسىنىڭ ئاساسلىق نېفىت مەنبەسى ئۈزۈلۈپ، غەربنىڭ سانائەت، قاتناش قاتارلىق ئىشلىرى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا كىشىلەر ھورموز بوغۇزىنى «غەرب دۇنياسىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى» دەپ ئاتايدۇ.
گەرچە ھورموز بوغۇزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئارانلا150 كىلومېتىر كەلسىمۇ، لېكىن ئۇ نېفىت ترانسپورتى ئىنتايىن بېسىق بولغان دېڭىز بوغۇزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىن ھەر سائەتتە ئۆتىدىغان ماي پاراخوتى تەخمىنەن12 گە يېتىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش مىنۇتتا بىر ماي پاراخوتى بۇ يەردىن ئۆتىدۇ. ھەر يىلى دۇنيا ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان نېفىت مەزكۇر بوغۇز ئارقىلىق سىرتقا توشۇلىدۇ. ھورموز بوغۇزىدىن چىققان ماي پاراخوتىنىڭ بىر قىسمى قىزىل دېڭىز ۋە سۇۋەيش قانىلىدىن ياكى ئۈمىد تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، غەربىي ياۋروپا ۋە جەنۇبىي، شىمالىي ئامېرىكىغا بارىدۇ، يەنە بىر قىسمى مالاككا بوغۇزى ياكى لومبوك بوغۇزى ۋە ماكاسار بوغۇزى ئارقىلىق ياپونىيىگە، قالغىنى بىۋاسىتىلا ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارىدۇ.