مۇز تاغ
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
1912 - يىل4 - ئاينىڭ14 - كۈنى تۈن كېچىدە ئەنگلىيىدە ياسالغان «تىتانىك» ناملىق ئەڭ چوڭ ھەشەمەتلىك پاراخوت نېۋفوندلاندنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز رايونىدا قارشى تەرەپتىن لەيلەپ كېلىۋاتقان مۇز تاغقا سوقۇلۇپ، پاراخوتتىكى1500 دىن كۆپرەك ئادەم بىپايان دېڭىزغا غەرق بولۇشتەك دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان چوڭ پاجىئە كېلىپ چىققان.
ئەمەلىيەتتە مۇز تاغ ھەقىقىي تاغ بولماستىن، بەلكى دېڭىز - ئوكياندا لەيلەپ يۈرىدىغان زور مۇز پارچىلىرىدىن ئىبارەت. ئىككى قۇتۇپ رايونىدا، دېڭىز - ئوكياندىكى دولقۇن ياكى تاشقىنلار يېقىن ئەتراپتىكى ماتېرىك مۇزلۇقىغا شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مۇزلۇقنىڭ گىرۋىكى ئاستا - ئاستا يېرىلىپ دېڭىز - ئوكيانغا سىيرىلىپ چۈشۈپ، سۈ يۈزىدە لەيلەپ يۈرىدىغان ئاتالمىش مۇز تېغىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
گرېنلاندىيە، ئالياسكا قاتارلىق جايلار شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى مۇز تاغلارنىڭ يۇرتى. ھەر يىلى تەخمىنەن16 مىڭ پارچە مۇز تاغ بۇ يەردىن ئايرىلىپ سەپىرىنى باشلايدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپ دېڭىز رايونى دۇنيا بويىچە مۇز تاغ ئەڭ كۆپ جاي بولۇپ، ھەر يىلى تەخمىنەن200 مىڭ مۇز تاغ دېڭىز - ئوكياندا لەيلەپ يۈرىدۇ. شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز تاغلارنىڭ ئادەتتە ھەجمى بىرقەدەر كىچىك، كۆپىنچىسى ئېھرام شەكلىدە بولىدۇ؛ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇز تاغلار ئېگىز ھەم يوغان، تۆت تەرىپى تىك بولىدۇ.1965 - يىلى ئا ق ش نىڭ بىر تەكشۈرۈش ئەترىتى جەنۇبىي قۇتۇپقا تەكشۈرۈشكە بېرىپ، ئۇزۇنلۇقى333 كىلومېتىر، كەڭلىكى96 كىلومېتىر كېلىدىغان ئالاھىدە چوڭ مۇز تاغنى بايقىغان، بۇ مۇز تاغ دېڭىز يۈزىدىن نەچچە ئون مېتىر ئېگىز.
مۇز تاغنىڭ10 /9 قىسمى سۇ ئاستىغا چۆكۈپ تۇرىدۇ، بىز دېڭىز يۈزىدە پەقەت ئۇنىڭ چوققىسىنىلا كۆرەلەيمىز. سۇ ئاستىدىكى قىسمىنىڭ چۆكۈش چوڭقۇرلۇقى ئادەتتە200 مېتىردىن ئاشىدۇ، بەك چوڭقۇرلىرىنىڭ500 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ غايەت زور مۇز تاغلار دېڭىز ئېقىمىنىڭ يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ ناھايىتى يىراق جايلارغا لەيلەپ بارىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇلار ھەر كۈنى تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر لەيلەپ يۆتكىلىدۇ. نۇرغۇن چوڭ مۇز تاغلار دېڭىزدا10 نەچچە يىل لەيلەپ يۈرۈپ، ئاخىردا شامالنىڭ ئۇپرىتىشى، قۇياش نۇرىنىڭ قىزدۇرۇشى، دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە ئىللىق دېڭىز رايونلىرىدا ئاستا - ئاستا ئېرىپ كېتىدۇ.
شىمالىي مۇز ئوكيان بىلەن جەنۇبىي قۇتۇپتىكى دېڭىز - ئوكياننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە دېڭىز - قۇرۇقلۇقلارنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، مۇز تاغلارنىڭ لەيلەپ يۈرۈش ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى مۇز تاغلار ئاساسلىقى گرېنلاندىيىدىن كېلىدۇ، لابرادور ئوكيان ئېقىمىغا ئەگىشىپ، جەنۇبقا لەيلەپ يۆتكىلىدۇ. شىمالىي تىنچ ئوكياندا بېرىڭ بوغۇزىدىن ئىبارەت ئۆتكەل بولغاچقا، غايەت زور مۇز تاغلار ئاسان ئۆتەلمەيدۇ. شۇڭا شىمالىي تىنچ ئوكياندا مۇز تاغلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ئوكيان يۈزى كەڭ، تۆت ئەتراپى توسۇقسىز بولغاچقا، چوڭ مۇز تاغلار ھەممە تەرەپكە توسالغۇسىز لەيلەپ بارالايدۇ.
مۇز تاغلار دېڭىز - ئوكيانلاردا لەيلەپ يۈرگەچكە، دېڭىز قاتنىشى ۋە نېفىت قىدىرىشقا ناھايىتى چوڭ تەھدىت سالىدۇ.