دەريا
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا گىرەلىشىپ تارقالغان چوڭ - كىچىك دەريالار قەدىمدىن تارتىپ ئىنسانلار ياشايدىغان ۋە كۆپىيىدىغان ئاساسلىق پائالىيەت سورۇنى بولۇپ كەلمەكتە. نىل دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، يېۋفرات دەرياسى، گانگ دەرياسى قاتارلىق چوڭ دەريالار ئىلگىرى پارلاق مەدەنىيەتنىڭ يارىتىلىشىغا تۈرتكە بولغان، بۇ دەريالارنىڭ بويىدا مىسىر، جۇڭگو، بابىلون ۋە ھىندىستان قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر بارلىققا كەلگەنىدى. دەريالار كىشىلەر تەرىپىدىن ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى دەپ قارالماقتا.
يەر يۈزىدە ئەسلىدە دەريا يوق ئىدى، دەريالار يامغۇر سۈيى، يەر ئاستى سۈيى ۋە ئېگىز تاغلاردىكى قار - مۇزلارنىڭ ئېرىگەن سۇلىرىنىڭ ھەمىشە يىپسىمان سوزۇلغان ئويمان يەرلەرنى بويلاپ پەس جايلارغا قاراپ ئېقىشىدىن شەكىللەنگەن. دەريانىڭ شەكىللىنىشىدە ئېقىپ تۇرىدىغان سۇ ۋە سۇ زاپاس ساقلىنىدىغان دەريا قىنى بولۇشى كېرەك، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. تاغ ئارىسىدىكى سۈيى بىرىدە كۆتۈرۈلۈپ، بىردە تۆۋەنلەيدىغان ئېرىقلار دەريا ھېسابلانمايدۇ. يېڭى دەريا شەكىللەنگەن ۋاقىتتا، دەريا سۈيى تۆۋەنگە قاراپ ئاقماستىن، بەلكى بۇرۇلۇپ مەنبەسىگە قاراپ ئاقىدۇ، دەريا ۋادىسى يۇقىرى ئېقىنغا قاراپ كېڭىيىدۇ، ئومۇمەن تەبىئىي ھاسىل بولغان دەريالارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق «يېتىلىدۇ».
دۇنيادا تەبىئىي چوڭ دەريالار ناھايىتى كۆپ. جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئامازون دەرياسى دۇنيادىكى ئېقىن مىقدارى ئەڭ كۆپ، ھەۋز كۆلىمى ئەڭ كەڭ دەريا. ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىنى ئۇزىنىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان نىل دەرياسىنىڭ ئوزۇنلۇقى6670 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دەريا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ئىككى تارماق ئېقىن بار، بىرى، كۆك نىل دەرياسى، يەنە بىرى ئاق نىل دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدا قوشۇلغاندىن كېيىن نىل دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېلىمىزدىكى چاڭجياڭ دەرياسى دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ دەريا، ئاسىيادىكى بىرىنچى چوڭ دەريا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى6300 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ قاتمۇقات تاغلاردىن ئېقىپ ئۆتۈپ، شەرققە قاراپ ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن1 تىرىليون كۇب مېتىر سۇ دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. دۇنيادىكى داڭلىق چوڭ دەريالاردىن يەنە دوناي دەرياسى، مىسسىسىپى دەرياسى، گانگ دەرياسى، ئەرەب دەرياسى، رېين دەرياسى، كونگو دەرياسى قاتارلىقلار بار.
تەبىئىي دەريادىن باشقا يەنە سۈنئىي قېزىلغان دەريا − قانال بار. دۇنياغا داڭلىق قاناللاردىن جۇڭگودىكى بېيجىڭ - خاڭجۇ قانىلى، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان مىسىردىكى سۇۋەيش قانىلى، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان پاناما قانىلى بار.
دەريالار تاشقى دەريا ۋە ئىچكى دەريا دەپ بۆلۈنىدۇ. بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا دېڭىز - ئوكيانلارغا قۇيۇلىدىغان دەريالار تاشقى دەريا دېيىلىدۇ، مەسىلەن، ئېلىمىزدىكى چاڭجياڭ ۋە خۇاڭخې دەرياسى قاتارلىقلار. ئوتتۇرا يولدا يوقاپ كېتىدىغان ياكى ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆللىرىگە قۇيۇلىدىغان دەريالار ئىچكى دەريا دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ئېلىمىزدىكى تارىم دەرياسى، سايدام دەرياسى قاتارلىقلار. دەريالار ئادەتتە يۇقىرى ئېقىن، ئوتتۇرا ئېقىن ۋە تۆۋەن ئېقىن دەپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. يۇقىرى ئېقىننىڭ يانتۇلۇقى چوڭراق بولۇپ، سۈيى تېز ئاقىدۇ، ئېقىن مىقدارى ئاز بولىدۇ؛ ئوتتۇرا ئېقىندا دەريا سۈيىنىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئېقىن مىقدارى كۆپىيىدۇ؛ تۆۋەن ئېقىنى تەكشى بولۇپ، ئېقىن مىقدارى ئەڭ كۆپ، ئېقىن سۈرئىتى تېخىمۇ ئاستا بولىدۇ.
دەريالار سۇنىڭ ئايلىنىشىدىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر خىل يەر شەكلى ۋە يەر قىياپىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. تەبىئىي بايلىقنىڭ بىر خىلى بولغان دەريالار سۇ ئىنشائاتى، سۇغىرىش، دەريا قاتنىشى، توك تارقىتىش، باقمىچىلىق ۋە شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور رول ئوينىماقتا، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىنسانلارغا كەلكۈن ئاپىتىنى ئېلىپ كەلمەكتە.