چاڭجياڭ دەرياسى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
چاڭجياڭ دەرياسى قەدىمدە «چوڭ دەريا» ياكى «دەريا» دەپ ئاتىلاتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېقىش مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن دۇنيادا داڭق چىقارغان. ئۇ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى تاڭگولا تېغىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى بولغان گېلادەندۇڭدىكى توتو دەرياسىدىن باشلىنىدۇ.
چاڭجياڭ دەرياسى توتو دەرياسىدىن باشلانغاندىن كېيىن، ئېگىز قارلىق تاغلار ئارىسىدىن ھەيۋەت بىلەن ئۆركەشلەپ ئېقىپ چىقىپ شەرققە بۇرۇلىدۇ. توتو دەرياسى بىلەن دامچۇي دەرياسى قوشۇلغان يەردىن باشلاپ، چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى يۈيشۇغىچە بولغان دەريا بۆلىكى تۇڭتيەن دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. يۈيشۇدىن باشلاپ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىنغىچە بولغان بۆلىكى جىنشاجياڭ دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. جىنشاجياڭ دەرياسى خېڭدۇەنشەن تاغلىق رايونىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، دەريانىڭ بۇ بۆلىكىدە نۇرغۇن خەتەرلىك دەريا بوغۇزلىرى بار، ئىككى قىرغىقىغا قارلىق تاغ ۋە تىك قىيالار جايلاشقان «خۇتياۋ بوغۇزى» ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. جىنشاجياڭ دەرياسى يىبىندا مىنجياڭ دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن چاڭجياڭ دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسى يىبىندىن ئۆتكەندىن كېيىن، سىچۇەننىڭ بەيدىچېڭ دېگەن يېرىدىن خۇبېينىڭ يىچاڭ دېگەن يېرىگىچە بولغان ئارىلىقتا غايەت زور تاغ چوققىلىرىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەچكە، ھەيۋەتلىك سەنشيا بوغۇزى شەكىللەنگەن. يىچاڭنىڭ يۇقىرىسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدۇر.
چاڭجياڭ دەرياسى يىچاڭدىن باشلاپ تاغلىق رايونلاردىن چىقىپ، ئوتتۇرا ئېقىم تۈزلەڭلىك رايونىغا ئېقىپ كىرىدۇ. ئوتتۇرا ئېقىم رايونىدا پوياڭخۇ كۆلى ۋە دۇڭتىڭخۇ كۆلىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسى چاڭجياڭ دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. دەريا يولى ئەگرى - بۈگرى، كۆللەر زىچ جايلاشقان بولۇپ، سۇ مىقدارى بارغانسېرى ئېشىپ بارىدۇ. كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىڭجياڭ دەرياسى بۆلىكىدە كەلكۈننى بۆلۈش سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلدى. جياڭشىدىكى خۇكۇنىڭ تۆۋىنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن ئىبارەت. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا دەريا يولى كەڭ، سۈيى چوڭقۇر، سۇ تورى زىچ. جياڭسۇدىكى جياڭيىننىڭ تۆۋىنىدە چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى شەكىللەنگەن، چاڭجياڭ دەرياسى ئەڭ ئاخىردا شاڭخەي شەھىرىدىن ئۆتۈپ دۇڭخەي دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ.
چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى6300 كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئامازون دەرياسىدىن قالسا دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ دەريا. دەريا ۋادىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى1 مىليون800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىز ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن5 /1 ىنى ئىگىلەيدۇ.
چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ كۆپ قىسمى سۇبتروپىك بەلۋاغ رايونىدا بولغاچقا، يامغۇر مىقدارى مول، چاڭجياڭ دەرياسى غول ۋە تارماق ئېقىملىرىنىڭ ئېقىن مىقدارى ئىنتايىن كۆپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى دەريا ئېغىزى ئارقىلىق دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان سۇ مىقدارى1 تىرىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ خۇاڭخې دەرياسىنىڭكىنىڭ20 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدىن دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغىچە بولغان ئومۇمىي چۈشۈش پەرقى5100 مېتىر كېلىدۇ. غول ۋە تارماق ئېقىملىرىنىڭ ئومۇمىي سۇ ئېنېرگىيە بايلىقى260 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ. بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىنىڭ تەخمىنەن % 40 ىگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ غول ئېقىمىدا گېجۇبا سۇ ئىنشائات تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قۇرۇلغاندىن سىرت يەنە سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى دادۇخې دەرياسىنىڭ گۇڭزۇي دېگەن يېرىدە، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى خەنجياڭ دەرياسىنىڭ دەنجياڭكۇ دېگەن يېرىدە نۇرغۇن چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلدى.1995 - يىلىدىن باشلاپ سەنشيا قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. مىليونلىغان كىچىك تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىتلاردەك مەملىكىتىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىنى زىننەتلەپ تۇرماقتا.
چاڭجياڭ دەرياسى ھەم كەڭ، ھەم سۈيى چوڭقۇر دەريا بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەزەلدىنلا «ئالتۇن سۇ يولى» دېگەن نامى بار. نۆۋەتتە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ غول ۋە تارماق ئېقىملىرىدىكى قاتناشقا بولىدىغان سۇ يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى96000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ يەر شارىنى ئىككى يېرىم ئايلانغانغا باراۋەر؛ يىللىق يۈك توشۇلۇش مىقدارى مەملىكەتتىكى پۈتۈن دەريالارنىڭ يۈك توشۇلۇش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن % 70ىگە توغرا كېلىدۇ.10 مىڭ تونناژلىق چوڭ پاراخوتلار چاڭجياڭ دەرياسى سۇ يولى ئارقىلىق نەنجىڭ شەھىرىگىچە بارالايدۇ.5000 تونناژلىق پاراخوتلار بولسا ۋۇخەن شەھىرىگىچە،3000 تونناژلىق پاراخوتلار چۇڭچىڭ شەھىرىگىچە بارالايدۇ.
چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا400 مىليون مو مۇنبەت تېرىلغۇ يەر ۋە شاڭخەي، نەنجىڭ، ۋۇخەن قاتارلىق مۇھىم سودا - سانائەت شەھەرلىرى بار. بۇ يەرنىڭ قېزىلما بايلىقلىرى مول بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائىتى تەرەققىي قىلغان. مەملىكىتىمىزدىكى300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە مانا مۇشۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دەريا بۇنداق كۆپ نوپۇسنى باقالىغان ئەمەس.