UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلاركاسپى دېڭىزى

كاسپى دېڭىزى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار كاسپى دېڭىزى گەرچە «دېڭىز» دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر كۆلدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ ھەممىسى قۇرۇقلۇق بولۇپ، دېڭىز - ئوكيانلار بىلەن بىۋاسىتە تۇتاشمايدۇ، جۇغراپىيىدە ئۇ كۆل كاتېگورىيىسىگە كىرىدۇ. كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبى ئىران بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال، غەرب ۋە شەرق تەرەپلىرىدە روسىيە، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەر بار. ئۇ كۆپ دۆلەتكە تەۋە بولغان خەلقئارالىق كۆلدۇر. كاسپى دېڭىزىنى «دېڭىز» دېيىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى: ئۇنىڭ ئادەتتىكى كۆللەردىن خېلىلا چوڭ بولغانلىقىدا. ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى1200 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى320 كىلومېتىر، كۆل قىرغىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن7000 كىلومېتىر، كۆلىمى371000 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياپونىيە زېمىنىنىڭ چوڭلۇقىغا باراۋەر دېگۈدەك كېلىدۇ. كاسپى دېڭىزى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆل بولۇپ، كۆلىمى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەش چوڭ كۆلنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىدىن يەنە120 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر چوڭ، ئۇ ھەم دۇنيادىكى ئۇزۇنلۇقى1000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بىردىنبىر كۆل. ئەڭ چوڭقۇر جايى1025 مېتىر بولۇپ، نۇرغۇن دېڭىزلاردىنمۇ چوڭقۇر. ئۇنى «دېڭىز» دېيىشتىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى: سۈيى دېڭىز سۈيىدەك تۇزلۇق، ئۇنىڭدا ياشايدىغان جانلىقلارمۇ دېڭىز - ئوكياندا ياشايدىغان جانلىقلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ جاينىڭ ئىقلىمى ئىنتايىن قۇرغاق بولۇپ، كۆل سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، كۆل يۈزى بارغانسېرى تارايماقتا.1930 - يىلى كۆل يۈزىنىڭ كۆلىمى424 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلەتتى،1957 - يىلىغا كەلگەندە كۆل تارىيىپ، كۆل يۈزى كۆلىمى371 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالغان. كۆل سۈيىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، تەركىبىدىكى تۇز مىقدارى بارغانسېرى ئېشىپ بارغان، كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ تۇزلۇقلۇقى ھازىر ‰ 31 غا يېتىدۇ. كاسپى دېڭىزى رايونىدا مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بار، غەربىي قىرغىقىدىكى باكۇ بىلەن جەنۇبىي قىرغىقىدىكى ئېلبۇرس تېغى ئەتراپى نېفىت چىقىدىغان مۇھىم رايونلاردۇر. كۆل تېگىدىمۇ مول نېفىت بايلىقى ھەمدە زور مىقداردىكى مىرابلىت قاتارلىق خىمىيە سانائىتى خام ئەشيالىرى بار، بېلىق، راك قاتارلىق دېڭىز جانلىقلىرى بايلىقىمۇ ئاز ئەمەس، ئاتسىپېنسېر بېلىقى بۇ كۆلنىڭ داڭلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتىدۇر.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار