ئېير كۆلى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ئاۋسترالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېير كۆلى بولسا ناھايىتى قىزىقارلىق كۆل. ئۇ بەزىدە پەيدا بولۇپ، بەزىدە غايىب بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىزىنىمۇ ئىزدەپ تاپماق تەس.1832 - يىلى بىر تەكشۈرۈش ئەترىتى بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۈستىدە تۇز قەۋىتى بولغان كىچىك ئويمانلىقنى بايقىغان.1860 - يىلى يەنە بىر تەكشۈرۈش ئەترىتى بۇ يەرگە كېلىپ دولقۇنلىنىپ تۇرغان تۇزلۇق سۇ كۆلىنى بايقىغان، ئىككىنچى يىلى بۇ تەكشۈرۈش ئەترىتى مەزكۇر كۆلنىڭ كۆلىمىنى ئۆلچەش ئۈچۈن يەنە بۇ يەرگە كەلگەن، بىراق ئۇلار ئەسلىدىكى سۈيى دولقۇنلاپ تۇرىدىغان كۆلنى تاپالمىغان، ئۇلارنىڭ ئۇچراتقىنى بىر كىچىك ئويمانلىق بولغان.
بۇ كۆل ئەسلىدە دائىملىق كۆل بولماستىن، بەلكى بىر مەۋسۇملۇق كۆل بولۇپ، ئۈچ يىل ئەتراپىدا بىر قېتىم «غايىب» بولىدىكەن.
ئۇنداقتا، كۆل سۈيى نەگە كېتىدۇ؟ ئادەملەر بىلەن «مۆكۈ - مۆكۈلەڭ ئوينامدۇ» يا؟ ئەسلىدە ئېير كۆلىنىڭ سۈيى دەريا ۋە يامغۇر سۈيىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدىكەن، يامغۇر مىقدارى كۆپرەك بولغاندا، كۆلنىڭ كۆلىمى8200 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىكەن؛ يامغۇر مىقدارى ئازراق بولغاندا، كۆل سۈيى پارغا ئايلىنىپ قۇرۇپ كېتىدىكەن، شۇڭا جۇغراپىيە لۇغىتىدە بۇ كۆلنىڭ كۆلىمى «0 كۋادرات كىلومېتىردىن8200 كۋادرات كىلومېتىرغىچە» دەپ ئىزاھلىنىپ، بەلگىلىك تۇراقلىق سان بېرىلمىگەن.
ئاۋسترالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ قۇرغاق ئىقلىمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئالىملار بۇ كۆلنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا. يەنى ئۇلار بىر قانال قېزىپ، يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىز قولتۇقى بىلەن بۇ كۆلنى تۇتاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنداق قىلغاندا، دېڭىز سۈيى ئۆزلۈكىدىن ئېير كۆلىگە ئېقىپ كىرىدۇ (چۈنكى ئېير كۆلى دېڭىز يۈزىدىن12 مېتىر تۆۋەن)، بۇنىڭ بىلەن كۆل سۈيى قۇرۇپ كەتمەيدۇ.