UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارجىڭپو كۆلى

جىڭپو كۆلى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار جىڭپو كۆلى مەملىكىتىمىزنىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى نىڭئەن ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، ئېگىز، تىك ھەم خەتەرلىك تاغ ئارىسىغا جايلاشقان. تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە «ۋۇ خەنخەي دېڭىزى» دەپ ئاتالغان. مىڭ، چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە «بىئېرتېڭخۇ كۆلى» دەپ ئاتالغان، بۇ سۆز «ئەينەكتەك تەكشى كۆل» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھازىرقى «جىڭپو كۆلى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن بىردەك. جىڭپو كۆلىنىڭ شەكلى تار ئۇزۇنچاق ھالەتتە بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن45 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ جايى6 كىلومېتىر، كۆلىمى95 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلنىڭ جەنۇبى تېيىز، شىمالى چوڭقۇر، شىمالىدىكى ئەڭ چوڭقۇر جايى60 مېتىر، جەنۇبىدىكى ئەڭ تېيىز جايى ئاران1 مېتىر ئەتراپىدىلا كېلىدۇ. جىڭپو كۆلى يانار تاغ ھاسىل قىلغان بىر مۆجىزە. يانار تاغ پارتلىغاندا ئېتىلىپ چىققان لاۋا مۇدەنجياڭ دەرياسىنىڭ دەريا يولىغا ئېقىپ كىرىپ قېتىشىپ توسما ھاسىل قىلىپ، دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى توسۇۋالغاچقا، سۇ يىغىلىپ بۇ كۆل ھاسىل بولغان. بۇنداق يانار تاغلاردىن ئېتىلىپ چىققان لاۋىلارنىڭ قېتىشىپ دەريا يولىنى توسۇۋېلىشىدىن ھاسىل بولغان كۆللەر توسما كۆل دەپ ئاتىلىدۇ. لاۋىلارنىڭ قېتىشىشىدىن ھاسىل بولغان قىرغاقلاردا يېرىق، يوچۇقلار بولىدۇ، كۆل سۇلىرى بۇنداق يوچۇقلاردىن چىقىپ تۆۋەنگە ئېقىپ چۈشۈپ، ھەيۋەتلىك شارقىراتمىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، جىڭپو كۆلىنىڭ دياۋشۇيلۇ شارقىراتمىسىنىڭ چۈشۈش پەرقى20 مېتىرغا يېتىدۇ، ھەيۋەتلىك سۇ پەردىسى كەڭ تارتىلىپ، سۇ مونچاقلىرى چاچراپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى بەكمۇ گۈزەل. دياۋشۇيلۇ شارقىراتمىسىدىن باشقا، بۇ يەردە يەنە داگۇشەن، شياۋگۇشەن، جېنجۇمېن قاتارلىق سەككىز مەنزىرىلىك جاي بار، بۇلار مەشھۇر ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار