UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلاركىۋۇ كۆلى

كىۋۇ كۆلى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار كىۋۇ كۆلى شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلما بەلۋېغىغا جايلاشقان كۆل. بۇ كۆلدە ئاجايىپ - غارايىپ ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ: يەنى كۆل سۈيى بەزىدە ئۇشتۇمتۇتلا قايناپ كېتىدۇ، بۇ خىل قايناش بەزىدە بىرقانچە ھەپتە داۋاملىشىدۇ، سۇ قاينىغاندا بېلىق پىشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. يەرلىكلەر بېلىقنى كۆل سۈيىگە چىلاپ پىشۇرۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. كۆل سۈيى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قاينايدۇ؟ ئەسلىدە كۆلدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر يانار تاغ بار بولۇپ، يانار تاغ ئېتىلغاندا ئىنتايىن قىزىق ماگما كۆلگە ئېقىپ كىرىپ، كۆل سۈيىنى قاينىتىۋېتىدىكەن. تېخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ كۆلنىڭ تېگىدە زور مىقداردا پاتقاق گازى بار ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، كۆلىمى2650 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان كىۋۇ كۆلى تېگىدە،300 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق پاتقاق گازى بار ئىكەن، بۇ پاتقاق گازى كۆيدۈرۈلسە، چىقىرىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى60 مىليون توننا نېفىت كۆيدۈرۈلسە چىقىرىدىغان ئىسسىقلىققا باراۋەر كېلىدىكەن. شۇڭا، كۆلنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان زايىر بىلەن رۋاندا دۆلىتى بۇ پاتقاق گازىنى ئېچىپ، ئۇنى ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنىڭ يېقىلغۇسى قىلماقتا. بۇنداق كۆپ پاتقاق گازى زادى نەدىن كەلگەن؟ ئەسلىدە كىۋۇ كۆلىنىڭ تېگىدە زور مىقداردىكى چىرىگەن جانلىقلارنىڭ قالدۇقى بار بولۇپ، ئورگانىك ماددىلار ناھايىتى مول ئىكەن، يەنە كېلىپ بۇ يەردە ئوكسىگېن ئىنتايىن كەمچىل بولغاچقا، ئوكسىگېنسىز مۇھىتنى خالايدىغان باكتېرىيىلەر زور مىقداردا كۆپەيگەن. بۇ باكتېرىيىلەرنىڭ ئورگانىك ماددىلارنى كۆپلەپ پارچىلىشىدىن پاتقاق گازى ھاسىل بولغان ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پاتقاق گازى يىغىلىپ «ئېنېرگىيە ئامبىرى» غا ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار