UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارچىڭخەي كۆلى

چىڭخەي كۆلى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار چىڭخەي كۆلى قەدىمكى زاماندا «پاكىز سۇ»، «غەربىي دېڭىز» دەپ ئاتالغان، ئۇ يەر قاتلىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ ئولتۇرۇشۇشىدىن ھاسىل بولغان تۇزلۇق سۇ كۆلى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى105 كىلومېتىر، كەڭلىكى63 كىلومېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى38 مېتىر، كۆلىمى4427 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تۆت ئۆلۈك دېڭىزنىڭ كۆلىمىدىنمۇ چوڭراق. ئۇ جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ كۆلى بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى — پوياڭخۇ كۆلىدىن يەنە450 كۋادرات كىلومېتىر چوڭ. چىڭخەي كۆلى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدا، ئۇ خۇددى كۈمۈشتەك پارقىراپ تۇرغان چوڭ بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ. ئۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3197 مېتىر كېلىدىغان تاغ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىنى داتۇڭشەن تېغى، رىيۆشەن تېغى ۋە چىڭخەي نەنشەن تېغى ئوراپ تۇرىدۇ، بۇخا دەرياسى غەربىي شىمالى تەرىپىدىن بۇ كۆلگە قۇيۇلىدۇ. چىڭخەي كۆلى كۆك ئاسمان بىلەن رەڭ تالىشىپ، دولقۇنلىنىپ تۇرىدۇ، بۇلۇت ۋە ياۋا غازلارنىڭ سايىسى كۆل ئۈستىدە ئەكس ئېتىپ، كىشىنى ئۆزىگە تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ. خەنزۇ خەلقى بۇ كۆلگە «چىڭخەي كۆلى» دەپ نام بەرگەن، بۇ بىر تەرەپتىن، كۆل سۈيىنىڭ رەڭگىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ كۆلنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. موڭغۇل خەلقى بۇ كۆلنى «كۇكۇنۇر» دەپ ئاتىغان (بۇ «كۆكنۇر كۆلى» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن كەلگەن)، زاڭزۇ خەلقى مەزكۇر كۆلنى «سوۋېنبۇ» دەپ ئاتاپ كەلگەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆك رەڭلىك كۆل دېگەن مەنىدە. چىڭخەي ئۆلكىسىمۇ مۇشۇ كۆلنىڭ نامى بويىچە ئاتالغان. چىڭخەي كۆلىدە تۆت كىچىك ئارال بار. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى خەيشىن ئارىلى دەپ ئاتىلىدۇ، ئارالدا بۇلاق، ئوتلۇق، شۇنداقلا لاما دىنى ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. لامالار قارا قىش پەسلىدە يەتكۈدەك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، قاتتىق مۇز تۇتقان كۆل ئۈستىدە مېڭىپ ئارالغا بېرىۋالىدۇ ھەمدە مۇزلار ئېرىپ ياز كەلگۈچە بولغان ئۈچ - تۆت ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىتنى شۇ يەردە ئۆتكۈزىدۇ، چۈنكى مۇزلار بوشاشقان مەزگىلدە مۇز ئۈستىدە مېڭىشقا بولمايدۇ ھەم كېمىمۇ قاتنىيالمايدۇ. چىڭخەي كۆلىدە يەنە مەشھۇر قۇشلار ئارىلى بار. بۇ ئارالنىڭ سۇ ۋە ئوت - چۆپلىرى مول بولۇپ، زور تۈركۈمدىكى پەسىل قۇشلىرىنى جەلپ قىلىدۇ. بۇ قۇشلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، ھىندىستان سۇب چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە مالاي يېرىم ئارىلىدىن ئۇچۇپ چىقىپ، ئېگىز ھىمالايا تاغ تىزمىسى بىلەن خېڭدۇەنشەن تاغ تىزمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بۇ يەرگە كېلىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. چىڭخەي كۆلىدىكى قۇشلار ئارىلىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا يەنە بىر تۇخۇم ئارىلى بار. بۇ ئارالنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ كىچىك بولۇپ، ئاران110 كۋادرات مېتىرلا كېلىدۇ، ئارالنىڭ ھەممىلا يېرىدە قۇش تۇخۇملىرى تارقىلىپ تۇرىدۇ. سۈيى ھەم تۇزلۇق، ھەم قىرتاق كەلگەن، مۇز تۇتۇش مەزگىلى ئۇزۇن بولغان چىڭخەي كۆلى يەنە غەربىي شىمال رايونىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىسىدۇر. بۇ يەردىن چىقىدىغان كۆكنۇر قاسىراقسىز كارپ بېلىقى بىر خىل قاسىراقسىز بېلىق بولۇپ، ئۇ يەنە يالىڭاچ كارپ بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ گۆشى يۇمشاق، ئەڭ چوڭلىرى10 نەچچە كىلوگرام كېلىدۇ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى4000 توننىدىن ئاشىدۇ. چىڭخەي كۆلىنىڭ سۇ مەنبەسى يېتەرسىز، پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، شۇڭا كۆل سۈيىنىڭ ئورنى ئەسلىدىكىگە قارىغاندا100 نەچچە مېتىر ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ، كۆلىمىنىڭ3 /1 ىدىن كۆپرەكى تارىيىپ كەتكەن، ھازىرمۇ بارغانسېرى كىچىكلەپ بارماقتا.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار