مەرمەر دېڭىزى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
مەرمەر دېڭىزىنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى270 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن70 كىلومېتىر، كۆلىمى11000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەنى ئۇنىڭ كۆلىمى مەملىكىتىمىزدىكى تەيخۇ كۆلىنىڭ5 .4 ھەسسىسىچىلىكلا بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دېڭىز ھېسابلىنىدۇ.
مەرمەر دېڭىزى ئاسىيا قىتئەسىدىكى كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلى بىلەن ياۋروپا قىتئەسىدىكى بالقان يېرىم ئارىلى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارىسىدىكى ئۈزۈلمە قاتلامنىڭ ئولتۇرۇشۇشىدىن شەكىللەنگەن ئىچكى دېڭىز. دېڭىز قىرغاقلىرى تىك، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى183 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى1355 مېتىر كېلىدۇ. ئىلگىرىكى بەزى تاغ چوققىلىرى دېڭىز يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، ئاراللارنى شەكىللەندۈرگەن. ئاراللاردىن مەرمەر تاش كۆپ چىقىدۇ. گرېكچە «مارمارا» دېگەن سۆز مەرمەر تاش دېگەن مەنىدە. دېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ مەرمەر ئارىلىمۇ مەرمەر تاشنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
مەرمەر دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمال ئۇچى بوسفور بوغۇزى ئارقىلىق قارا دېڭىزغا، غەربىي جەنۇبى ئۇچى داردانىل بوغۇزى ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ئۇ ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەسىنىڭ تەبىئىي پاسىلى بولۇپ، جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم.