UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارمېكسىكا قولتۇقى

مېكسىكا قولتۇقى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار مېكسىكا قولتۇقى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدىكى ئا ق ش نىڭ فلورىدا يېرىم ئارىلى بىلەن مېكسىكىنىڭ يۇكاتان يېرىم ئارىلى ۋە كۇبا ئارىلى ئارىسىغا جايلاشقان، شەكلى ئېللىپس شەكلىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى1609 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى1287 كىلومېتىر، كۆلىمى1 مىليون543 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چوڭ - كىچىكلىكى جەھەتتە بېنگال قولتۇقىدىن قالسا دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى1432 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى3789 مېتىر كېلىدۇ. مېكسىكا قولتۇقى فلورىدا بوغۇزى ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكيانغا، يۇكاتان بوغۇزى ئارقىلىق كارىب دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. ئاساسلىق پورتلاردىن ئامېرىكىنىڭ گالۋوستون، يېڭى ئورلېئان، مېكسىكىنىڭ ۋېراكروز، تامپىكو، كۇبا پايتەختى ھاۋانا قاتارلىقلار بار. مېكسىكا قولتۇقى تروپىك بەلۋاغ بىلەن سۇبتروپىك بەلۋاغقا جايلاشقان بولۇپ، باشقا دېڭىز - ئوكيانلاردىن ئاساسەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىرقەەر يۇقىرى، ياز پەسلى ℃92 قا يېتىدۇ، قىش پەسلىمۇ ℃20 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئاتلانتىك ئوكياندىكى جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېكۋاتور ئىللىق ئېقىمى مېكسىكا قولتۇقىدا ئۇچرىشىپ، فلورىدا بوغۇزى ئارقىلىق ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ ئاتلانتىك ئوكيانغا ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن ئېكۋاتورنىڭ شىمالىدىن كەلگەن يەنە بىر ئىللىق ئېقىم بىلەن قوشۇلۇپ مېكسىكا قولتۇقى ئىللىق ئېقىمى (قولتۇق ئېقىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ھاسىل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىنى بويلاپ شىمالغا ئاقىدۇ. مېكسىكا ئىللىق ئېقىمىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز قىرغاقلىرىنىڭ ئىقلىمىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن زور. قىش پەسلى ئۇنىڭ تەسىرىدە دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃8 ئەتراپىدا يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ جايلارنىڭ ئىقلىمى ئىللىق بولىدۇ. مېكسىكا ئىللىق ئېقىمى بىلەن سوغۇق ئېقىم ئۆزئارا ئۇچراشقان جايدا بېلىقلار ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. مېكسىكا قولتۇقىدا دائىم بوران چىقىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ياز پەسلىنىڭ ئاخىرى بىلەن كۈز پەسلىنىڭ باشلىرى بۇ جايدا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولغان قارا بوران چىقىدۇ، شامال كۈچى12 بالغا يېتىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئىقلىمى گەرچە ئانچە بەك ياخشى بولۇپ كەتمىسىمۇ، لېكىن مەزكۇر يەردە قېزىلما بايلىقلار ئىنتايىن مول، شۇڭا ئۇنىڭ «گۆھەر ماكان» دېگەن نامى بار. مېكسىكا قولتۇقىنىڭ غەربىي شىمال قىرغاقلىرى بىلەن ماتىرىك بوسۇغىسىدا زاپاس مىقدارى ئىنتايىن مول بولغان نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە گۈڭگۈرت بار. نۆۋەتتە ئا ق ش بىلەن مېكسىكا بۇ جايلارنى كەڭ كۆلەمدە چارلاپ تەكشۈرۈپ نېفىت قازماقتا.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار