بوكالا دەرياسى جىلغىسى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
بوكالا دەرياسى جىلغىسى ئاسىيا قىتئەسىدىكى تاغلىق دۆلەت نېپالنىڭ مەشھۇر مەنزىرىلىك رايونى. كىشىلەر دائىم ئۇنى «پانىي دۇنيا جەننىتى» ۋە «چۈشىدە كۆرگەندەك» دېگەن سۆزلەر بىلەن مەزكۇر جاينىڭ مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىنى سۈپەتلىشىدۇ. بۇ مەنزىرىلىك رايون نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇنىڭ غەربىگە تەخمىنەن200 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، كۆككە تاقاشقان ئېگىز قارلىق تاغلار تەكشى ھەم كەڭ كەتكەن دەريا جىلغىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ كۆك ئاسمان بىلەن قوشۇلۇپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. قارلىق چوققىلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى7000 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل تاغ چوققىسى «يۈۋېى چوققىسى» بولۇپ، ئۇ، ئىككى چوققىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، قارىماققا خۇددى بېلىق قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ.
بوكالا جىلغىسىدا، قارلىق تاغلاردىكى قار - مۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان مەرۋايىتتەك چاقناپ تۇرغان كۆللەر بار. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭى پېيۋا كۆلى دەپ ئاتىلىدۇ. كۆل سۈيى ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ كۆل تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، كۆل مەركىزىدىكى كىچىك ئارالغا ئالتۇندەك نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئىبادەتخانا سېلىنغان. كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ۋە ئىبادەتخانىنىڭ شولىسى كۆلگە چۈشۈپ ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. جىلغىدا سۈيىنىڭ رەڭگى بىر - بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى دەريا بار. بىرى، كالىگانداجى دەرياسى بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيى خۇددى قارا سىياھدەك قارا؛ يەنە بىرى، سېدى دەرياسى بولۇپ ئۇنىڭ سۈيى خۇددى سۈتتەك ئاق. بۇ قانداق ئىش؟ ئەسلىدە كالىگانداجى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى قارا رەڭلىك سلانېتس ۋە يېپىشقاق تاغ جىنسلىرى يىمىرىلگەن رايوندىن ئېقىپ ئۆتىدىكەن. شۇڭا دەريا سۈيىمۇ قارا رەڭگە ئۆزگىرىدىكەن؛ سېدى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بولسا ھاك تاش جىنىسلىق رايوندىن ئېقىپ ئۆتىدىكەن. زور مىقداردىكى ھاك سۇدا ئېرىگەچكە، كالتىسى كاربوناتنىڭ مىقدارى ئېشىپ دەريا سۈيى قېتىقتەك ئاپپاق رەڭدە بولۇپ قالغانىكەن.
بوكالا دەرياسى جىلغىسىدا يەنە30 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دېۋون شارقىراتمىسى، چوڭقۇر ۋە جىمجىت ماخېندرا غارى قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلار بار. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا − چومولاڭما چوققىسى
دۇنيانىڭ ئۆگزىسىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك چومولاڭما چوققىسى مەملىكىتىمىزنىڭ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى ھىمالايا تاغ تىزمىسىدا. ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى6000 مېتىردىن ئاشىدۇ،8000 مېتىردىن ئاشىدىغان ئېگىز چوققىدىن16 سى بار. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىزى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى13 .8848 مېتىر كېلىدىغان چومولاڭما چوققىسىدىن ئىبارەت. چومولاڭما چوققىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققا بولۇپ، دۇنيانىڭ چوققىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى زاڭزۇ خەلقى ئۇنى مۇقەددەس ئىلاھە دەپ قارايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە بەش ئاچا - سىڭىل ئىلاھە ئۆتكەنىكەن. ئەڭ ئېگىز چوققىدا ئاچا - سىڭىللارنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان چومولاڭساڭما تۇرغان ئىكەن. شۇڭا، بۇ چوققا «چومولاڭما چوققىسى» ياكى «ئۈچىنچى ئىلاھە» دەپ ئاتالغانىكەن.
چومولاڭما چوققىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېگىزلىكلىرىدە ئوخشاش بولمىغان تەبىئىي لاندشافت شەكىللەنگەن. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى5100 مېتىر كېلىدىغان جايىغا كەڭ كۆلەمدە مۇزلۇقلار تارقالغان؛5300 مېتىر كېلىدىغان تاغ جىلغا بەلۋېغىدا مەرۋايىتتەك سۈزۈك مۇز مۇنارلىرى خۇددى قويۇق ئورماندەك تارقالغان. بۇ ھىمالايا تاغ تىزمىسىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئالاھىدە مەنزىرىسىدۇر. مۇز مۇنار ئورمانلىقىدا يەنە مۇز مۇنارلار ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان مۇز كۆل، خرۇستال ئوردىدەك مۇز غار ۋە شەكلى موگۇغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان مۇزلار بار. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى5600 مېتىر كېلىدىغان قار - مۇز بىلەن قاپلانغان جايدا قەھرىتان سوغۇقتىن قورۇقمايدىغان قار لەيلىسى ۋە جىنتىيانا قاتارلىقلار ئۆسەلەيدۇ. گەرچە بۇ يەرنىڭ ئىقلىمى ئىنتايىن سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر جايدا قوڭغۇز، ھەرە، كېپىنەك، ياۋا چاشقان، ئۇلان، كۆكمەت قاتارلىق جانلىقلار ھايات كەچۈرىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى6200 مېتىر كېلىدىغان قار سىزىقىنىڭ يۇقىرىسىدا قورام تاش ۋە تىك قىيالار چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغاندىن سىرت، قالغان جايلار پۈتۈنلەي قار - مۇز دۇنياسىدىن ئىبارەت.
چومولاڭما چوققىسىدا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ. مەملىكىتىمىزدىكى تاغ تىزمىلىرىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدا تاغ باغرىنى بويلاپ ئېگىزلىكنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئىقلىم شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولغاچقا، ئۇنىڭغا ماس ھالدا كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان، كەڭ ۋە يىڭنە يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمان، يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان، ئېگىز تاغ چاتقىلى، ئېگىز تاغ چىملىقى، ئېگىز تاغ سوغۇق چۆللۈكى، مەڭگۈلۈك يىغىندى قار قاتارلىق يەتتە ئۆسۈملۈك تەبىئىي بەلۋېغى شەكىللەنگەن. بۇ جاينى ھەتتا بىئولوگىيە دەرسخانىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
چومولاڭما چوققىسى ئەزەلدىن تارتىپلا بۇنداق ئېگىز ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن30 نەچچە مىليون يىللار ئىلگىرى، ئۇ ئوكيان ئويمانلىقىدىكى بىر كىچىك تاغ چوققىسى ئىدى. كېيىن يەر پوستى ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە ئاستا - ئاستا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئۇ نەچچە مىليون يىللىق ئۆزگىرىش ئارقىسىدا كۆتۈرۈلۈپ، يەر شارىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا ئايلانغان. ئالىملار ئۇنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىق ھالدا ئېگىزلەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
چومولاڭما چوققىسى نۇرغۇنلىغان تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىلىرى تەلپۈنىدىغان جاي. جۇڭگونىڭ تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا1960 - يىلى ۋە1975 - يىلى چومولاڭما چوققىسىغا چىققان.1988 - يىلى5 - ئايدا جۇڭگو، ياپونىيە ۋە نېپالدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلەشمە تاغقا چىقىش ئەترىتى ئوخشاش بىر كۈندە ئايرىم - ئايرىم ھالدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي يانباغىردىن چومولاڭما چوققىسىغا چىقىپ، تۇنجى قېتىم چومولاڭما چوققىسىغا ئىككى ياندىن چىقىشتەك ئۇلۇغ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.