كارىب دېڭىزى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا ئىندىئانلار قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىر دېڭىز بار، ئۇ بولسىمۇ «كارىب دېڭىزى» بولۇپ، ئۇنىڭ «قەيسەر» ياكى «ئەزىمەت» دېگەن مەنىسى بار.
كارىب دېڭىزىنىڭ تۆت ئەتراپى ئاساسەن ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى، چوڭ - كىچىك ئانتىل تاقىم ئاراللىرى تەرىپىدىن قورشىلىپ تۇرىدۇ، غەربىي شىمالى تەرىپى يۇكاتان بوغۇزى ئارقىلىق مېكسىكا قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن2800 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن1400 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن2 مىليون640 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى دېڭىز ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر ئۇنى مېكسىكا قولتۇقىغا قوشۇپ «ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز» دەپ ئاتاشماقتا.
كارىب دېڭىزى يەنە ئەتراپىدا دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ بولغان دېڭىز. پۈتۈن دۇنيادىكى50 نەچچە دېڭىز ئىچىدە ئەتراپىغا جايلاشقان دۆلەتلەر بىرقەدەر كۆپ بولغان، يەنى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئىپادىلىنىدىغىنى پەقەت ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن كارىب دېڭىزىدىنلا ئىبارەت. ئوتتۇرا دېڭىز ئەتراپىغا17 دۆلەت جايلاشقان، كارىب دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدا20 دۆلەت بار بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى گۋاتېمالا، ھوندۇراس، نىكاراگۇئا، كوستارىكا، پاناما، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كولومبىيە، ۋېنېسۇئېلا، چوڭ ئانتىل تاقىم ئارىلىدىكى كۇبا، ھايتى، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، شۇنداقلا كىچىك ئانتىل تاقىم ئارىلىدىكى ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا، دومىنىكا ئىتتىپاقى، ترىنىداد ۋە توباگو قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كارىب دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى2490 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ جەنۇبىي - شىمالىي ئامېرىكا دېڭىز قاتنىشىدىكى مۇھىم يول.1914 - يىلى پاناما قانىلى قېزىلغاندىن كېيىن، بۇ جاي ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكيان دېڭىز قاتنىشىدىكى تېخىمۇ مۇھىم ئۆتكەلگە ئايلاندى.
كارىب دېڭىزىنىڭ تۇزلۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇپ، دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرى ئىنتايىن مول، تۇننۇس بېلىقى ۋە ساردىن بېلىقى قاتارلىق بېلىقلار ئىنتايىن كۆپ، ئۇ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئۈچ چوڭ بېلىقچىلىق مەيدانىنىڭ بىرى. دېڭىز تېگىدە يەنە مول بولغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى كۆمۈلۈپ ياتماقتا.