ئافرىقا
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ئافرىقا شەرقىي يېرىم شارنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقى ھىندى ئوكيانغا، غەربى ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىدۇ، شىمالى ئوتتۇرا دېڭىز ۋە جەبىلتارىق بوغۇزى ئارقىلىق ياۋروپا بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، شەرقىي شىمالى سۇۋەيش قانىلى، قىزىل دېڭىز ۋە ئەلمەندېب بوغۇزى ئارقىلىق ئاسىيا قىتئەسىگە تۇتىشىدۇ. كۆلىمى30 مىليون290 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ قىتئە ھېسابلىنىدۇ.
ئافرىقا ئېگىزلىك چوڭ قۇرۇقلۇقى بولۇپ، پۈتكۈل قىتئەنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى600 مېتىردىن ئاشىدۇ. پۈتكۈل چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ يەر شەكلى شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قاراپ سەل قىيپاش ھالەتتە جايلاشقان. شەرقىي قىسمى بىلەن جەنۇبىي قىسمىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى بىرقەدەر ئېگىز بولۇپ، مەزكۇر جايدا ئېفىئوپىيە ئېگىزلىكى، شەرقىي ئافرىقا ئېگىزلىكى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا ئېگىزلىكى بار؛ دۇنياغا داڭلىق بولغان شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلمىسى دەل شەرقىي ئافرىقا ئېگىزلىكى بىلەن ئېفىئوپىيە ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. شەرقىي ئافرىقا يېرىلمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى6000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، «يەر شارىنىڭ ئەڭ چوڭ تاتۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى بىلەن غەربىي شىمال قىسمىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى بىرقەدەر پەس بولۇپ، مەزكۇر جايغا كونگو ئويمانلىقى بىلەن سەھرايى كەبىر قۇملۇقى جايلاشقان. سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى8 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا قۇم بارخانلىرى، شېغىللىق گوبى كەڭ تارقالغان بولۇپ، پەقەت ئاز بىر قىسىم جايلىرىدىلا يەر ئاستى سۈيى يەر يۈزىگە ئېقىپ چىقىپ، بوستانلىقلار شەكىللەنگەن، بۇ قۇملۇقتىكى ئاھالىلەر بىرقەدەر زىچ جايلاشقان جايلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئافرىقىنىڭ سۇ ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولۇپ، زاپاس مىقدارى دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ20 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. نىل دەرياسى، كونگو دەرياسى، نېگىر دەرياسى ۋە زامبېزى دەرياسى ئافرىقىدىكى تۆت ئاساسلىق دەريا ھېسابلىنىدۇ. نىل دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى6600 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دەريا ھېسابلىنىدۇ. قۇرغاق بولغان قۇملۇقتا نىل دەرياسى كەلكۈنى بەلۋاغسىمان «يېشىل كارىدور» نى شەكىللەندۈرگەن. بۇ جاي يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ئەڭ ياخشى بولغان رايون ھېسابلىنىدۇ.
ئافرىقىنىڭ زېمىنى شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئىككى يېرىم شارغا جايلاشقان بولۇپ، ئېكۋاتور ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، ئىقلىم بەلۋاغلىرى جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلەرگە سىممېترىك جايلاشقان. تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى ئاز، قۇرغاق رايونلار كەڭ تارقالغان بولۇپ، تروپىك بەلۋاغ چوڭ قۇرۇقلۇقى دېگەن نامى بار. ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر بايلىقى ناھايىتى مول، بۈك - باراقسان ئۆسكەن تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنى بىلەن تروپىك بەلۋاغ ئوتلاق رايونىدا كەم ئۇچرايدىغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ھايۋانلار ياشايدۇ، مەسىلەن، ئورانگۇتان، شىر، بۆكەن، زىراپە، زېبرا، پىل قاتارلىقلار. قەھۋە، خورما، تالالىق ئاگاۋا، قەلەمپۇر قاتارلىقلار ئافرىقىنىڭ داڭلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئافرىقىنىڭ يەر ئاستى بايلىقىمۇ ناھايىتى مول بولۇپ، «دۇنيانىڭ خام ماتېرىيال خەزىنىسى» دېگەن نامى بار. ئالتۇن بىلەن ئالماسنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئىزچىل تۈردە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە؛ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە مىس، مانگان، ئۇران، بائۇكسىت، ۋولفرام، خروم قاتارلىق قېزىلما بايلىقلارنىڭ زاپاس مىقدارىمۇ ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ئۇ دائىم «باي چوڭ قۇرۇقلۇق» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئافرىقا ئىنسانلار بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرى. ئافرىقىدا بايقالغان تەخمىنەن2 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ تاش قاتمىسى بۈگۈنگە قەدەر بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى تاش قاتما ھېسابلىنىدۇ. ئافرىقىدا ھازىر55 دۆلەت ۋە رايون بولۇپ، پۈتكۈل قىتئەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى553 مىليونغا (1985 - يىلى) يېتىدۇ، ھەر خىل ئىرقلار ئىچىدە قارا تەنلىكلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ.