بۇلاق
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ھەرىكەت ھالىتىدىكى يەر ئاستى سۈيى يەر يۈزىگە ئېقىپ چىقىپ بۇلاقنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇلاقلار دۇنيادا ناھايىتى كەڭ تارقالغان، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى يامايكىنىڭ بۇلاق ئارىلى دېگەن نامى بار، ئېلىمىزدىكى جىنەن شەھىرى داڭلىق «بۇلاق شەھىرى» دۇر.
بۇلاق سۈيى ئاساسلىقى ئاتموسفېرادىكى ھۆل - يېغىندىن كېلىدۇ، ئەمما يەر ئاستى گېئولوگىيىلىك شارائىتى ۋە سۇنىڭ يەر يۈزىگە ئېقىپ چىقىش شەكلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، بۇلاقلار يەنە كۆپ خىلغا بۆلۈنىدۇ. بېيجىڭدىكى يۈيچۈەن بۇلىقى يەر پوستى ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن تاش قاتلىمىدا يېرىقلار پەيدا بولۇپ، يەر ئاستى سۈيى ئۈزۈلمە يۈزىنى بويلاپ يەر يۈزىگە ئېقىپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن ئۈزۈلمە قاتلام بۇلىقىدىن ئىبارەت. جياڭشىدىكى يىياڭ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى خۇڭشىچۈەن (سىفون) بۇلىقى دېڭىز سۈيىگە ئوخشاش بىردەم كۆتۈرۈلۈپ، بىردەم پەسىيىدۇ. كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتا سۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، پەسلىگەندە سۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. گۇيجۇدىكى پىڭكەن ئەتراپىدا قىزىقارلىق «ئەزىز مېھمان بۇلىقى» بار بولۇپ، ناۋادا سىز بۇلاق كۆزىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلسىڭىز، بۇلاقتىن نۇرغۇن كۆپۈكچىلەر چىقىپ، خۇددى سىزنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. يەنە بىر خىل شاپىلاق بۇلاق بولۇپ، بۇلاق كۆزىنىڭ ئەتراپىدا ۋارقىرىسىڭىز ياكى چاۋاك چالسىڭىز، بۇلاق سۈيى شۇ ھامان ئازلاپ، بۇلاق كۆزى كۆرۈنىدۇ، بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە سۈيى كۆپىيىپ، ئەسلىدىكى ئورنىغا كېلىدۇ. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى خۇلۇنبۇئىر يايلىقىدا بىر بۇلاق بولۇپ، سۈيى سۈپسۈزۈك، بۇلدۇقلاپ ئاقىدۇ، لېكىن بۇلاق سۈيى ئېقىپ ئۆتكەن جايلار تۆمۈر دېتىدەك قوڭۇر سېرىق رەڭگە كىرىدۇ، بۇلاق سۈيىدىن بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان بىر خىل گاز پۇرىقى كېلىدۇ. خىمىيىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ بۇلاقنىڭ كاربونات كىسلاتا بۇلىقى بىلەن تۆمۈر سۇلفات بۇلىقىنىڭ ئارىلاشما بۇلىقى بولۇپ، ئاشقازان كېسەللىكى، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى، بۆرەك ياللۇغى، كەم قانلىق قاتارلىق ئون نەچچە خىل كېسەلگە داۋا بولىدىغانلىقى بايقالدى.
دۇنيادا بۇلاقنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئۈزۈلمە قاتلام بۇلىقى، سىفون بۇلىقى، ئارتېزىيان بۇلىقى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئارىشاڭ، سوغۇق بۇلاق، قەرەللىك بۇلاق قاتارلىقلار بار. ئا ق ش دىكى يېللوئۇستون باغچىسىدىكى »ياۋاش بۇلاق« دەۋر قىلىپ قەرەللىك ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر خىل ئارىشاڭدىن ئىبارەت. ئۇ ھەر66 مىنۇتتا بىر قېتىم ئېتىلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى »ياۋاش بۇلاق« دەپ ئاتايدۇ. بۇ خىل بۇلاقنىڭ كۆپىنچىسى يانار تاغ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇلاق يولىنىڭ ئاستى قىسمى ئىسسىقلىق مەنبەسىگە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، زاپاس ساقلانغان سۇ ئىسسىقلىق تەسىرىگە ئۇچراپ تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ، ئەمما سۇ يولى تار بولغاچقا، ئاسانلىقچە كونۋېكسىيىلىك ھەرىكەت قىلالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈستىدىكى سۇ پۇرۇپكىغا ئوخشاش سۇ يولىنى ئېتىۋالىدۇ، بۇ خىل ھالەت ئاستىنقى قىسمىدىكى سۇ پارغا ئايلىنىپ، ئۈستىدىكى قىسمىدىكى سۇ تۈۋرۈكىنى ئىتتىرىپ يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىققۇچە داۋاملىشىدۇ. بۇ خىل ئايلىنىش تەكرار داۋاملىشىپ، قەرەللىك ئېتىلىپ چىقىدىغان ئارىشاڭنى شەكىللەندۈرىدۇ.
فونتان قۇرۇقلۇقتا بولۇپلا قالماستىن، دېڭىز - ئوكياندىمۇ بولىدۇ. ئا ق ش نىڭ فلورىدا شتاتىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدىكى دېڭىز ئاستىدا تاتلىق سۇلۇق فونتان بولۇپ، بۇلاق سۈيى توختىماي ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ جايدىن ئۆتكەن پاراخوتتىكى ماتروسلار بۇ تاتلىق سۇنى ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ.
بۇلاق سۈيى تۇرمۇشىمىزدىكى مۇھىم سۇ مەنبەسى. ئۇ تاغ جىنس قاتلاملىرىنىڭ قاتمۇقات سۈزۈشىدىن ئۆتىدۇ، سۈيى پاكىز، سۈزۈك، سوغۇق، خۇشبۇي، سىلىق، تاتلىق بولۇشتىن سىرت، تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار مول، شۇڭا ئۇ ھاراق ئېچىتىش، ئىچىملىكلەرنى تەڭشەشتىكى ئەڭ ياخشى سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئارىشاڭلار كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە داۋا بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ توك چىقارغىلى، ئىسسىنغىلى ياكى ھاۋانىڭ نەملىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئارىشاڭدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق نەمدىگىلى ۋە مايسا يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى ۋە بېلىقلارنى قىشتىن ئۆتكۈزۈشتە پايدىلانغىلى، ھەتتا چۈجىلەرنىڭ تۇخۇمدىن چىقىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.