UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلاردرېيك بوغۇزى

درېيك بوغۇزى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان درېيك بوغۇزى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ دېڭىز بوغۇزىدۇر. ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي ئۇچى بىلەن ئانتاركتىدا قىتئەسىدىكى جەنۇبىي شېتلاند تاقىم ئاراللىرى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن300 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى970 كىلومېتىر كېلىدۇ. درېيك بوغۇزى دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭ دېڭىز بوغۇزى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز بوغۇزى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايى5248 مېتىر كېلىدۇ. ئەگەر ئىككى خۇاشەن تېغى بىلەن بىر خېڭشەن تېغى ئۈستىمۇ ئۈست قىلىنىپ درېيك بوغۇزىغا قويۇلسىمۇ تاغ چوققىسىنى سۇ يۈزىدىن كۆرگىلى بولمايدۇ. درېيك بوغۇزى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئانتاراكتىداغا بارىدىغان مۇھىم يول. قۇتۇپ قۇيۇنىنىڭ تەسىرىدە درېيك بوغۇزىدا دائىم قارا بوران ۋە شىددەتلىك دېڭىز دولقۇنى پەيدا بولىدۇ، بەزىدە دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئېگىزلىكى10 -20 مېتىرغا يېتىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپتىن سىيرىلىپ چۈشكەن مۇز تاغلار دائىم بۇ بوغۇزغا لەيلەپ كېلىپ، دېڭىز قاتنىشىغا قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
درېيك بوغۇزى | UyghurWiki | UyghurWiki