UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلاربايقال كۆلى

بايقال كۆلى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار بايقال كۆلى روسىيىدىكى شەرقىي سىبىرىيە رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۇ «شىمالىي دېڭىز» دەپ ئاتىلاتتى. كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى636 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى48 كىلومېتىر، كۆلىمى31500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ كۆل يەر قاتلىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ ئولتۇرۇشۇشىدىن شەكىللەنگەن، شۇڭا سۈيى ئىنتايىن چوڭقۇر، ئەڭ چوڭقۇر جايى1620 مېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى730 مېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر كۆل ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەملىكىتىمىزدىكى ھەيۋەتلىك تەيشەن تېغى بۇ كۆلگە قويۇلسا، تاغ چوققىسىدىن كۆل يۈزىگە يەنە100 مېتىر ئارىلىق قالىدۇ. بايقال كۆلى گەرچە ئانچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى چوڭقۇر بولغاچقا، سۇ سىغىمچانلىقى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ بولۇپ،23600 كۇب كىلومېتىرغا يېتىدۇ، سۇ سىغىمچانلىقى بالتىق دېڭىزىنىڭكىدىن يۇقىرى، يەنى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى بولغان پوياڭخۇ كۆلىنىڭ سۇ سىغىمچانلىقىدىن يەنە ئالتە ھەسسە يۇقىرى. بايقال كۆلىدىكى بۇنداق كۆپ سۇ نەدىن كەلگەن؟ ئەسلىدە بايقال كۆلىگە قۇيۇلىدىغان دەريا336 ، ئېقىپ چىقىدىغان دەريا ئاران بىر. بايقال كۆلىدە ئاكۇلا، ئاۋمور بېلىقى، دېڭىز قۇلۇلىسى، بايقال دېڭىز يىلپىزى قاتارلىق دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرى بار. پەقەت كۆل قىرغىقىغا يېقىن جايدىلا ئادەتتىكى كۆللەردە كۆپ ئۇچرايدىغان جانلىقلار ياشايدۇ. دېڭىز - ئوكياندىن يىراق بولغان بايقال كۆلىدىكى بۇ دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرى زادى نەدىن كەلگەن؟ بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر تېخى ئېنىق جاۋاب تېپىلغىنى يوق.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار