UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارپىچ كۆلى

پىچ كۆلى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار كارىب دېڭىزىدىكى ترىنىداد ئارىلىدا بىر غەلىتە كۆل بار، بۇ كۆلنىڭ سۈيى ئانچە كۆپ ئەمەس، بىراق كۆل قارىماي بىلەن لىق تولغان بولۇپ، پىچ (قاراماي) كۆلى دەپ ئاتالغان. پىچ كۆلىنىڭ كۆل يۈزى قاپقارا پارقىراق بولۇپ، خۇددى قارا رەڭلىك بىر چوڭ سىر دېسىغا ئوخشايدۇ. تېخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى، كۆلدىكى قارىماينى ئېلىپ تۈگەتكىلى، ئىشلىتىپ خوراتقىلى بولمايدۇ. بۇ يەردىن1870 - يىلىدىن باشلاپ100 نەچچە يىل ماي ئېلىنغان، ھەر يىلى سىرتقا توشۇلىدىغان ماي نەچچە10 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، بىراق كۆل يۈزى تېخى ئازراقمۇ تۆۋەنلەپ باققىنى يوق. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە كۆل تېگىدە ئىنتايىن يۇمشاق كەلگەن بىر پارچە يەر بار بولۇپ، بۇ يەردىن قارىماي ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىكەن، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى«كۆلنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىكەن. پىچ كۆلىنىڭ كۆلىمى ئاران44 .0 كۋادرات كىلومېتىر، بىراق كۆلنىڭ چوڭقۇرلۇقى90 مېتىر كېلىدۇ، كۆلدىكى قارىماي زاپىسى12 مىليون توننىغا يېتىدۇ، شۇڭا ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي قارىماي چىقىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، قارىماي قېزىش داۋامىدا، كىشىلەر بۇ يەردىن يەنە تارىختىن بۇرۇنقى ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى، چىشلىرىنى، قۇشلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قاتمىلىرىنى، شۇنداقلا قەدىمكى زاماندا ئىندىئانلار ئىشلەتكەن قورال - ياراغلارنى قېزىۋالغان. شۇڭا پىچ كۆلى يەنە «تەبىئىي تارىخىي مۇزېي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار