دېڭىز - ئوكيان
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
دېڭىز - ئوكيانلار يەر شارى يۈزىنىڭ % 71ىنى ئىگىلەيدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن360 مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز بىلەن ئوكيان ئوخشاش بولمايدۇ. ئوكياننىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، ئۆزئارا تۇتىشىدۇ، ئۇ دېڭىز - ئوكيان ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %89 ىنى ئىگىلەيدۇ، چوڭقۇرلۇقى ئادەتتە3000 مېتىردىن ئاشىدۇ، تېمپېراتۇرىسى ۋە تۇزلۇقلۇقى قۇرۇقلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، كۆك رەڭدە، سۈزۈك بولىدۇ. دۇنيادا تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكياندىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئوكيان بار. دېڭىزنىڭ كۆلىمى دېڭىز - ئوكيان ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ پەقەت %11 ىنىلا ئىگىلەيدۇ، چوڭقۇرلۇقى ئادەتتە3000 مېتىرغا يەتمەيدۇ، تېمپېراتۇرىسى قۇرۇقلۇقتىكى پەسىللىك ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، تۇزلۇقلۇقى ئەتراپتىكى قۇرۇقلۇقتىن قۇيۇلىدىغان دەريا ئېقىنى ۋە ئىقلىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، كۆپىنچە سارغۇچ، يېشىل رەڭلەردە بولىدۇ، ئانچە سۈزۈك بولمايدۇ. دېڭىزلار يەنە قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز، ئىچكى دېڭىز ۋە چەت دېڭىز دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىز قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز ھېسابلىنىدۇ، ئېلىمىزنىڭ بوخەي دېڭىزى ئىچكى دېڭىز، دۇڭخەي ۋە نەنخەي دېڭىزلىرى چەت دېڭىزغا كىرىدۇ.
دېڭىز - ئوكياندىمۇ ئېگىز تاغ، تۈزلەڭلىك ۋە جىلغا قاتارلىق يەر شەكلى قۇرۇلمىسى بولىدۇ. دېڭىز قىرغىقىدىن سىرتقى دېڭىزغا قاراپ ماڭساق، دېڭىزنىڭ ئاستىنى ئومۇمەن ماترىك بوسۇغىسى، ماترىك يانتۇلۇقى ۋە ئوكيان ئويمانلىقى قاتارلىق بىرقانچە ئاساسلىق بۆلەكلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئوكيان ئويمانلىقى دېڭىز ئاستى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ % 70ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ دېڭىز - ئوكياننىڭ ئاساسلىق قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
دېڭىز - ئوكيان «كۆك رەڭلىك خەزىنە» ھېسابلىنىدۇ. تەخمىنىي ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر پۈتكۈل يەر شارىدىكى دېڭىز سۈيىنى چەككىلىسەك،5 مىليون500 مىڭ توننا سېرىق ئالتۇن،400 مىليون توننا كۈمۈش،4 مىليارد توننا مىس،13 مىليارد700 مىليون توننا تۆمۈر،4 مىليارد100 مىليون توننا قەلەي،2 مىليارد700 مىليون توننا بارىي،7 مىليارد توننا سىنك،13 مىليارد700 مىليون توننا مولىبدېن ۋە13 مىليارد700 مىليون توننا ئاليۇمىن ئالغىلى بولىدىكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يەر شارىدا قۇرۇقلۇقتا بولغان قېزىلما بايلىقلار دېڭىز - ئوكياندىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىز - ئوكيان قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى قۇرۇقلۇقتىكى زاپاس مىقدارى ئاز ھەم ئاسان ئايرىۋالغىلى بولمايدىغان كەم ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، سترونتسىي، ئۇران، رۇبىدىي، لىتىي، بارىي قاتارلىقلار. بۇ خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسى سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى مۇھىم بايلىقلار ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، دېڭىز تېگىدىن تەكشۈرۈلگەن ۋە ئېچىلغان قېزىلما بايلىقلاردىن: تەبىئىي گاز، نېفىت، كۆمۈر، مىس، تۆمۈر، گۈڭگۈرت، مانگان قاتارلىق نەچچە ئون خىلى بار. مۆلچەرلىنىشىچە، دېڭىز تېگىدىكى قېزىشقا بولىدىغان نېفىتنىڭ زاپاس مىقدارى100 مىليارد توننىغا يېتىدىكەن.
دېڭىز سۈيى تەركىبىدىكى ھەر خىل خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار ۋە مىنېراللار ئىچىدە ئاش تۇزى، يەنى ناترىي خلورىدنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ. ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، بىر كۇب كىلومېتىر دېڭىز سۈيىنىڭ تەركىبىدە30 مىليون توننىدىن ئارتۇق ناترىي خلورىد بولىدىكەن. ھازىر دۇنيادا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن100 مىليون توننا دېڭىز تۇزى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئەگەر مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ئىستېمال قىلغاندا، دېڭىز - ئوكيان تۇزىدىن يەنە500 مىليون يىل پايدىلانغىلى بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېڭىز سۈيىدىن ماگنىي، ئۇران، يود، بروم قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە ئايرىپ ئېلىش تېخنىكىسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى. ماگنىي ئايروپىلان، پاراخوت ۋە ئاپتوموبىل ياساشتىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ، دېڭىز سۈيىدىكى ماگنىينىڭ مىقدارى10 مىليون يىل ئىشلىتىشكە يېتىدۇ. بروم قۇرۇقلۇقتا نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكى دېڭىز - ئوكياندا زاپاس ساقلىنىدۇ.
دېڭىز - ئوكياندا يەنە ناھايىتى مول جانلىقلار بايلىقى بار، ئۇلارنىڭ تۈرى200 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇ ھەر خىل دېڭىز - ئوكيان ئۆسۈملۈكلىرى، بېلىقلار، قۇلۇلىلەر، دېڭىز ھايۋانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر شارىدىكى جانلىقلار بايلىقىنىڭ % 80تىن كۆپرەكى دېڭىز - ئوكياندا ياشايدۇ.
دېڭىز - ئوكياندىكى تاشقىن ئېنېرگىيىسى، دولقۇن ئېنېرگىيىسى، تېمپراتۇرا پەرقىنىڭ ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلار پۈتمەس - تۈگىمەس ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكيان تاشقىن ئېنېرگىيىسى تەخمىنەن1 مىليارد كىلوۋاتقا، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويىدىكى تاشقىن ئېنېرگىيىسى200 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدىكەن. كىشىلەر تاشقىن ئېنېرگىيىسىنى «كۆك رەڭلىك كۆمۈر دېڭىزى» دەپ ئاتاشماقتا.