UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارقىزىل دېڭىز

قىزىل دېڭىز

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان ئادەم قىزىل دېڭىزغا چۈشۈپ، ئوڭدىسىغا ياتسىمۇ سۇغا چۆكۈپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى: قىزىل دېڭىز سۈيى تۇزلۇقلۇقىنىڭ ‰41 ~ ‰42 غا يېتىدۇ، چوڭقۇر دېڭىز تېگىدىكى قىسمەن جايلىرىنىڭ ھەتتا ‰270 دىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ ئېرىتمىنىڭ تويۇنغان ھالەتتىكى قويۇقلۇقىغا باراۋەر، شۇنداقلا دېڭىز سۈيى ئوتتۇرىچە تۇزلۇقلۇقى (‰35) نىڭ سەككىز ھەسسىسى ئەتراپىدا بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. قىزىل دېڭىز تەركىبىدىكى تۇز مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى: بۇ دېڭىز تروپىك بەلۋاغ بىلەن سۇبتروپىك بەلۋاغقا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ ھەمدە ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى200 مىللىمېتىردىن تۆۋەن. قىزىل دېڭىزنىڭ ئىككى قىرغىقىدا بۇ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ھېچقانداق دەريا يوق. قىزىل دېڭىزدىن ئوكيانغا بارىدىغان سۇ يولىدا ئورمانسىمان تاش ئاراللار، سۇ ئاستىدا ئورمان شەكىللىك جىنسلار بار بولغاچقا، ئوكياننىڭ سەل تۇزسىزراق كەلگەن سۈيى قىزىل دېڭىزغا تەستە ئېقىپ كىرىدۇ، قىزىل دېڭىزنىڭ تۇزلۇقراق كەلگەن سۈيىمۇ تەستە ئېقىپ چىقىدۇ. ئالىملار دېڭىز تېگىدىكى بىرنەچچە چوڭقۇر جايدا كۆلىمى خېلىلا چوڭ بولغان «ئىسسىق ئۆڭكۈر» نى بايقىغان. زور مىقداردىكى ماگمىلار يەر پوستىنىڭ يېرىقلىرىدىن دېڭىز تېگىگە ئېقىپ چىقىپ، ئەتراپىدىكى تاغ جىنسلىرى بىلەن دېڭىز سۈيىنى قىزدۇرغانلىقتىن، چوڭقۇر قاتلامدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى دېڭىز يۈزى سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن يۇقىرى بولۇشتەك غەلىتە ھادىسە كۆرۈلگەن. چوڭقۇر قاتلامدىكى قىزىق كەلگەن دېڭىز سۈيى دېڭىز يۈزىگە ئۆرلەپ پارغا ئايلىنىشنى كۈچەيتكەچكە، دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇقلۇقى بارغانسېرى ئېشىپ بارغان. شۇڭا، قىزىل دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇقلۇقى باشقا دېڭىز سۈيىنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى. قىزىل دېڭىزدا زور مىقداردىكى قىزىل يۈسۈن ئۆسۈپ كۆپىيىدىغان بولغاچقا، دېڭىز سۈيى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە كۆرۈنىدۇ، شۇڭا بۇ دېڭىز قىزىل دېڭىز دەپ ئاتالغان. قىزىل دېڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن2000 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ جايى306 كىلومېتىر، كۆلىمى450 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ دېڭىزنىڭ كۆرۈنۈشى خۇددى بىر ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ياتقان ئۇزۇن قۇلۇلىگە ئوخشايدۇ، يەنى ئۇ ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارىسىدا غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئۇچىدىكى سۇۋەيش قولتۇقى بىلەن ئاكابا قولتۇقى ئۇزۇن قۇلۇلىنىڭ باش قىسمىدىكى ئىككى تال سەزگۈچ مۈڭگۈزچىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا سىناي يېرىم ئارىلى جايلاشقان؛ سۇۋەيش قولتۇقى سۇۋەيش قانىلى بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىي ئۇچى ئەلمەندېب بوغۇزى ئارقىلىق ئەدەن قولتۇقى بىلەن ئەرەب دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. قىزىل دېڭىز قەدىمدىن تارتىپ مۇھىم سودا يولى بولۇپ كەلمەكتە.1869 - يىلى سۇۋەيش قانىلى ئېچىلغاندىن كېيىن قىزىل دېڭىز ئاتلانتىك ئوكيان، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ھىندى ئوكيان ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش يولىغا ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
قىزىل دېڭىز | UyghurWiki | UyghurWiki