نۇۋو كۆلى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
نۇۋو كۆلى ئا ق ش دىكى ئالياسكا شتاتىنىڭ شىمالىدىكى بارروئۇ تۇمشۇقىغا جايلاشقان، شىمالى تەرىپى شىمالىي مۇز ئوكيانغا يېقىن. ئۇزۇنلۇقى180 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى4 .5 مېتىر كېلىدۇ. كۆل سۈيى روشەن ھالدا ئىككى قەۋەتكە ئايرىلىپ تۇرىدۇ: ئۈستى قەۋىتى تاتلىق سۇ بولۇپ، ئۇنىڭدا تاتلىق سۇ بېلىقلىرى ياشايدۇ؛ ئاستى قەۋىتى تۇزلۇق سۇ بولۇپ، دېڭىز سۈيىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، ئۇنىڭدا دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرى ياشايدۇ. كۆل سۈيىنىڭ چېگرىسى ئېنىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، چېگرا سىزىقى سۇ يۈزىدىن8 .1 مېتىر كېلىدىغان چوڭقۇرلۇقتىكى جايدا.
نۇۋو كۆلىدىكى بۇنداق غەلىتە ھادىسىنى شۇ يەردىكى ئېسكىموسلار خېلى بۇرۇنلا بايقىغان، بىراق كىشىلەر ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي كەلگەن. ھازىر ئالىملار بۇ ھادىسىنى مۇنداق چۈشەندۈرمەكتە: نۇۋو كۆلى ئەسلىدە ئازگال جاي ئىدى، بىر قېتىملىق قارا بوران يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىز سۈيى بىلەن دېڭىز سۈيىدىكى بېلىق ۋە راكلارنى ئۇچۇرۇپ، بۇ ئازگالغا ئەكىلىپ قويغان. كېيىن ئېرىگەن قار - مۇز سۈيى بۇ كۆلگە قۇيۇلغان، يەنە بىر قېتىملىق ئۇشتۇمتۇت كەلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، كۆل يۈزى مۇز تۇتقان، بۇنىڭ بىلەن شامالنىڭ تەسىرىدە كۆل سۈيىنىڭ ئارىلىشىشى توسۇلغان، يەنى ئۈستى قىسمىدىكى زىچلىقى كىچىكرەك بولغان تاتلىق سۇ بىلەن ئاستى قىسمىدىكى زىچلىقى چوڭراق بولغان دېڭىز سۈيى ئارىلىشىپ كېتەلمىگەن، نەتىجىدە ئاجايىپ قوش قەۋەتلىك كۆل شەكىللەنگەن.