مالاككا بوغۇزى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى مالاي يېرىم ئارىلى بىلەن سۇماترا ئارىلى ئارىسىغا جايلاشقان، شەرقتە تىنچ ئوكياندىكى نەنخەي دېڭىزى بىلەن غەربتە ھىندى ئوكياندىكى ئاندامان دېڭىزىنى تۇتاشتۇرىدىغان تار ئۇزۇن كەلگەن دېڭىز يولى بىز دائىم ئېيتىدىغان مالاككا بوغۇزىدۇر. ئۇ مالاي يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى شەھەر مالاككاغا يېقىن بولغاچقا، مالاككا بوغۇزى دەپ نام ئالغان.
مالاككا بوغۇزىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى1100 كىلومېتىر (سىنگاپور دېڭىز بوغۇزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېلىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي شىمالى قىسمى سەل كەڭرەك بولۇپ،300 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، شەرقىي جەنۇبى قىسمى بىرقەدەر تارراق، ئەڭ تار جايى ئاران38 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى خۇددى بىر كانايغا ئوخشايدۇ. سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى25 مېتىردىن27 مېتىرغىچە كېلىدۇ. مالاككا بوغۇزى ئېكۋاتور رايونىغا جايلاشقان بولغاچقا، بۇ جايدا شامال ئاز چىقىدۇ، دېڭىز سۈيىمۇ دولقۇنسىز ھالەتتە بولۇپ، ئېقىشىمۇ ئىنتايىن ئاستا. مالاككا بوغۇزىنىڭ دېڭىز تېگى بىرقەدەر تەكشى، تېيىز ساھىل ۋە يوشۇرۇن خادا تاشلار كۆپ ئەمەس، بۇ دېڭىز قاتنىشىغا ئىنتايىن قۇلايلىق بولۇپ،200 مىڭ توننىلىق ماي پاراخوتلىرى قاتنىيالايدۇ. بوغۇزنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى تەكشى، كەڭ ئورمان بىلەن قاپلانغان تروپىك بەلۋاغ مەنزىرىسى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.
مالاككا بوغۇزى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئوكيانىيە قىتئەسى ئارىسىدىكى دېڭىز قاتنىشى يولىنىڭ «تۆت كوچا ئېغىزى» غا جايلاشقان بولۇپ، تىنچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇ يولى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان جۇڭگو، ياپونىيە، چاۋشيەن قاتارلىق دۆلەتلەر جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەسىگە بېرىشتا مالاككا بوغۇزىدىن چوقۇم ئۆتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ «يىراق شەرقتىكى تۆت كوچا ئېغىزى» دېگەن نامى بار.
مالاككا بوغۇزىنىڭ شەرقىي ئۇچىدا دۇنيادىكى چوڭ پورت سىنگاپور پورتى بار، ئۇنىڭ دېڭىز قاتنىشى ئىنتايىن بېسىق، ھەر يىلى تەخمىنەن100 مىڭدىن ئارتۇق ھەر خىل پاراخوت (كۆپ قىسمى ماي پاراخوتلىرى) بۇ بوغۇزدىن ئۆتىدۇ. ياپونىيە ئوتتۇرا شەرقتىن سېتىۋالغان نېفىتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى مۇشۇ دېڭىز بوغۇزى ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە توشۇيدۇ.