UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارئوكيانىيە

ئوكيانىيە

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار ئوكيانىيە دۇنيادىكى يەتتە قىتئە ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ كىچىك قىتئە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي قىسمى ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئىبارەت، شۇڭا ئىلگىرى كىشىلەر ئوكيانىيىنى ئاۋسترالىيە قىتئەسى دەپمۇ ئاتىغان. ئوكيانىيە − ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى، يېڭى زېلاندىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئارىلى، يېڭى گۋىنېيە ئارىلى، شۇنىڭدەك تىنچ ئوكياندىكى پولىنېزىيە، مىكرونېزىيە ۋە مېلانېزىيىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاقىم ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتكۈل قىتئەدىكى قۇرۇقلۇقنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن8 مىليون900 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى جەمئىي25 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئۇ دۇنيا بويىچە يەر كۆلىمى ئەڭ كىچىك، نوپۇسى ئەڭ ئاز قىتئە ھېسابلىنىدۇ. ئوكيانىيە ئاسىيا بىلەن ئانتاركتىدانىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، غەرب تەرىپى ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىدۇ، شەرق تەرىپى تىنچ ئوكيان ئارقىلىق جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن يىراقتىن قارىشىپ تۇرىدۇ. ئوكيانىيە خەلقئارا قاتناش ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ئوكيانىيىدە10 مىڭدىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك ئارال خۇددى شاھمات ئۇرۇقىدەك ھەممىلا جايغا تارقالغان. شەكىللىنىش سەۋەبىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئاساسلىقى ماتېرىك ئارىلى، يانار تاغ ئارىلى ۋە مارجان ئاراللىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئىرىئان ئارىلى ئوكيانىيىدىكى ئەڭ چوڭ ماتېرىك ئارىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى كالېدونىيە ئارىلى، سولومون تاقىم ئاراللىرى، بىسمارك تاقىم ئاراللىرىنىڭ ھەممىسى ماتېرىك ئاراللىرىغا تەۋە. ئوكيانىيىدە يانار تاغ ئاراللىرى ناھايىتى كەڭ تارقالغان، ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى بەزى چوڭ ئاراللارنىڭ ھەممىسى يانار تاغ ئارىلىغا تەۋە. مارجان ئاراللىرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى پەس ۋە تەكشى، يەر يۈزىدە قۇم جىنسلىرى كەڭ تارقالغان بولۇپ، كۆلىمى ئادەتتە ئانچە چوڭ بولمايدۇ. ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى دېڭىز قىرغىقىنىڭ سىرتقى يان تەرىپىگە جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدە سوزۇلغان، ئۇزۇنلۇقى2000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان مارجان خادا تاشلىرى جايلاشقان بولۇپ، چوڭ توسۇق خادا تاش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ جاي ھەر خىل بېلىق تۈرىدىكىلەر ۋە قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر كۆپىيىدىغان ۋە دەم ئالىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. ئوكيانىيىدىكى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر باشقا نۇرغۇن چوڭ قۇرۇقلۇقلاردا بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.4 /3 قىسىم ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى باشقا چوڭ قۇرۇقلۇقلاردا تاپقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغىنى ئېۋكالپىت دەرىخىدىن ئىبارەت. ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلار ئىلگىرىلا باشقا چوڭ قۇرۇقلۇقلاردىن ئايرىلىپ يەككە - يېگانە ھالدا بىپايان دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن، بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى نۇرغۇن ھايۋانلارمۇ باشقا چوڭ قۇرۇقلۇقلاردا كۆرگىلى بولمايدىغان ئىپتىدائىي خۇسۇسىيەتنى ھازىرلىغان. ئاۋسترالىيىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان كېنگۇرۇ، خالتىلىق ئېيىق، خالتىلىق بۆرە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خالتىلىق ھايۋانلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ئۆردەكتۇمشۇق قاتارلىقلار بار. ئوكيانىيىدە قېزىلما بايلىقلار خېلى مول بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نۇرغۇنلىغان قېزىلما بايلىقلار ناھايىتى تېيىز جايلاشقان بولۇپ، قېزىشقا قۇلايلىق. ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى بىلەن ئوتتۇرا قىسمىدا كۆپ مىقداردىكى كۆمۈر، ۋولفرام، قوغۇشۇن، مىس، كۈمۈش ۋە كۆك ياقۇت قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار بار؛ غەربىي قىسمى ۋە غەربىي شىمال قىسمىدا ئالتۇن، تۆمۈر، نىكېل، مانگان قاتارلىق كانلار مول ؛ شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويلىرى ۋە غەربىي قىسىمدىكى دېڭىز بويلىرىدا يەنە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى زاپىسى بايقالدى. ئوكيانىيىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى قوڭۇر تەنلىكلەردىن ئىبارەت، ھازىرقى ئاق تەنلىكلەر بولسا ياۋروپالىق كۆچمەنلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدۇر.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
ئوكيانىيە | UyghurWiki | UyghurWiki