نەنخەي دېڭىزى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
نەنخەي دېڭىزى يەنە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ تاشقى دېڭىزى.
نەنخەي دېڭىزىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن3 مىليون500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بوخەي دېڭىزى، خۇاڭخەي دېڭىزى ۋە دۇڭخەي دېڭىزى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ، كۆلىمى جەھەتتە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى مارجان دېڭىزى بىلەن ھىندى ئوكياندىكى ئەرەب دېڭىزىدىن قالسا دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نەنخەي دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى1212 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى5567 مېتىر كېلىدۇ. ئەگەر تۆت خېڭشەن تېغى ئۈستمۇ ئۈست قىلىنىپ نەنخەي دېڭىزىغا قويۇلسا، ئەڭ ئۈستىگە قويۇلغان تاغنىڭ تاغ چوققىسىمۇ سۇ يۈزىدىن يەنە700 مېتىر پەس تۇرىدۇ.
نەنخەي دېڭىزى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى يېقىن دېڭىزدۇر، ئۇنىڭ جەنۇبىدا كالىمانتان ئارىلى بىلەن سۇماترا ئارىلى، غەربىدە ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى، شەرقىدە فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرى بار. پۈتۈن نەنخەي دېڭىزى ئاساسەن چوڭ قۇرۇقلۇق، يېرىم ئارال ۋە ئاراللار تەرىپىدىن قورشىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىي شىمالدا ئۇ تەيۋەن بوغۇزى ئارقىلىق دۇڭخەي دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا مالاككا بوغۇزى ئارقىلىق ياۋا دېڭىزى، ئاندامان دېڭىزى ۋە ھىندى ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتە باشى بوغۇزى ئارقىلىق سۇلۇ دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ.
نەنخەي دېڭىزى تروپىك بەلۋاغقا جايلاشقان، دېڭىزدا نۇرغۇن مارجان خادا تاشلىرى ۋە مارجان ئاراللىرى بار، ئۇلار خۇددى مەرۋايىتلاردەك كۆپكۆك دېڭىزدا جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ نەنخەي دېڭىزى ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يەنە دۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئاراللىرى ۋە خۇاڭيەن ئاراللىرىغا بۆلۈنىدۇ. دۇڭشا تاقىم ئاراللىرىدا دېڭىز تاشپاقىسى، سىياھ بېلىق ۋە دېڭىز ئادەمگىياھى قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن مول. شىشا تاقىم ئارىلى قۇشلار دۇنياسىدىن ئىبارەت، پۈتۈن ئارال قۇش ماياقلىرىغا تولغان بولۇپ، ئۇلارنى ئوغۇت قىلىشقا بولىدۇ. جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى باشقا تاقىم ئاراللارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ تېخى سۇ يۈزىگە كۆتۈرۈلۈپ چىقمىغان مارجان خادا تاشلىرىدىن ئىبارەت. نەنشا تاقىم ئاراللىرى نەنخەي دېڭىزىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مارجان خادا تاشلىرى ۋە مارجان ئاراللىرى ئەڭ كۆپ بولغان تاقىم ئارال، ئۇ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدە؛ ئۇنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى زېڭمۇ ئەنشا مەملىكىتىمىز زېمىنىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي ئۇچىدۇر.
نەنخەي دېڭىزى بېلىق ئەڭ مول بېلىقچىلىق مەيدانىدۇر، دېڭىزدا چوڭ سېرىق بېلىق، كىچىك سېرىق بېلىق، تاسمىبېلىق، كىچىك ماككېرېل بېلىقى، سىياھ بېلىق، دېڭىز تاشپاقىسى، قىزىل بېلىق قاتارلىقلار بار. بۇ دېڭىزدىكى بېلىقلار خۇددى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەندەك ئەزەلدىن باشقا دېڭىزلارغا ئۈزۈپ بارمايدۇ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ «جۇڭگونىڭ ئائىلە بېلىقى» دېگەن نامى بار. نەنخەي دېڭىزىدا ياشايدىغان قىزىل پاقالچاق ھەيراننىڭ ئۇۋىسى ئۇنىڭ شۆلگىيى بىلەن دېڭىز يۈسۈنىدىن ياسىلىدۇ، ئۇ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان يېمەكلىكتۇر.