ئېگېي دېڭىزى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ئېگېي دېڭىزى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بىر قىسمى. ئۇ گىرېتسىيە يېرىم ئارىلى بىلەن كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلى ئارىسىغا جايلاشقان، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى610 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى300 كىلومېتىر، كۆلىمى214 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پارس قولتۇقىدىنمۇ كىچىك.
ئېگېي دېڭىزىنىڭ قىرغاقلىرى ئىنتايىن ئەگرى - بۈگرى، پورت ۋە قولتۇقلىرى كۆپ، ئاراللار كەڭ تارقالغان. ئۆزئارا قوشنا ئاراللارنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، بىر ئارالدا تۇرۇپ يەنە بىر ئارالنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. مەزكۇر دېڭىزدا ئاراللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاراللارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە دۇنيادىكى ھېچقانداق دېڭىز ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. شۇڭا، ئېگېي دېڭىزى يەنە «كۆپ ئاراللىق دېڭىز» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئېگېي دېڭىزىدىكى ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمى ئېگېي دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى گىرېتسىيىگە تەۋە، ئاز بىر قىسمى شەرقىي قىرغىقىدىكى تۈركىيىگە تەۋە. بۇ دېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ ئارال كرىت ئارىلى بولۇپ، كۆلىمى8000 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇ شەرق - غەرب يۆنىلىشىدە جايلاشقان تار ئۇزۇنچاق ئارال بولۇپ، خۇددى ئېگېي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى توسۇققا ئوخشايدۇ.
كرىت ئارىلى قەدىمكى زامان ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كەلگەن جايى. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى3000 - يىلى، كرىت ئارىلىدىكى ئاھالىلەر برونزا دەۋرىگە قەدەم قويغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2600 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1125 - يىلىغىچە بولغان مىنوس پادىشاھلىقى دەۋرىدە كرىت ئارىلىدا مەدەنىيەت مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە راۋاجلانغان، كۆلىمى ناھايىتى زور بولغان ئوردا ياسالغان، ئىنتايىن نەپس گۈزەل ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ئىشلەنگەن.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئارالنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز ساھىلى تۈزلەڭلىكىدىكى ئىراكلىئوندىن ئەينى چاغدا ياسالغان پادىشاھ ئوردىسى بايقالغان، بۇ پادىشاھ ئوردىسىنىڭ مەركىزى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىلدىكى ھويلىدىن ئىبارەت بولۇپ، خان ئوردىسى، خانىش سارىيى ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىغا سېلىنغان، ھەرقايسى قۇرۇلۇشلار ئۇزۇن كارىدور، ئىشىك، زال، قوش يول ۋە پەلەمپەيلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، بۇ نۇرغۇن ئۆي - ئىمارەتلەر خۇددى قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئېيتىلغان سىرلىق ئوردىغا ئوخشايدۇ. ئېگېي دېڭىز ئەتراپى ئەينى چاغدىكى سودا پائالىيىتى مەركىزى بولغاچقا، كىشىلەر بۇ دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى جايلارنى «ئاسىيا»، غەربىدىكى جايلارنى «ياۋروپا» دەپ ئاتىغان. بۇ يەردىكى «ئاسىيا» دېگەن سۆز «كۈن چىقىدىغان جاي»، يەنى شەرق تەرەپ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ «ياۋروپا» دېگەن سۆز «كۈن پاتىدىغان جاي»، يەنى غەرب تەرەپ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاسىيا قىتئەسى ۋە ياۋروپا قىتئەسى دېگەن ئىسىم يۇقىرىقى سۆزدىن كەلگەن.