ياۋروپا
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ياۋروپا شەرقىي يېرىم شارنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئۆزئارا تۇتىشىدۇ - دە، قوشۇلۇپ ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ شىمال تەرىپى شىمالىي مۇز ئوكيانغا، غەرب تەرىپى ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ئافرىقا بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى ئاران11 مىليون كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ4 /1ىچىلىكمۇ كەلمەيدۇ، دۇنيادىكى يەتتە قىتئە ئىچىدە پەقەت ئوكيانىيىدىنلا چوڭ. جۇغراپىيىدە ئادەت بويىچە ياۋروپا قىتئەسى جەنۇبىي ياۋروپا، غەربىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ياۋروپا، شىمالىي ياۋروپا ۋە شەرقىي ياۋروپا دەپ بەش قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. جەنۇبىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر رۇمىنىيە، يۇگوسلاۋىيە، گرېتسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ غەربىي ياۋروپا ئەنگلىيە، فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئوتتۇرا ياۋروپا، پولشا، ۋېنگرىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ شەرقىي ياۋروپا روسىيە، ئۇكرائىنا، بېلوروسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ شىمالىي ياۋروپا فىنلاندىيە، شۋېتسىيە، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دېڭىز - ئوكيانلار ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان دېڭىز قولتۇقلىرى ۋە ئىچكى دېڭىزلار شەكىللەنگەن، بۇ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گىرۋەكلىرىنى نۇرغۇنلىغان يېرىم ئارال ۋە ئاراللارغا پارچىلىۋەتكەن، شۇڭا دېڭىز قىرغاق لىنىيىسى ناھايىتى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، ئارال ۋە يېرىم ئاراللار كۆپ جايلاشقان. بىرقەدەر چوڭ بولغان يېرىم ئاراللاردىن سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلى، بالقان يېرىم ئارىلى، ئاپېننىن يېرىم ئارىلى ۋە ئىبېرىيە يېرىم ئارىلى قاتارلىقلار بار. ئاراللار ئاساسەن ئاتلانتىك ئوكياندا بولۇپ، بۈيۈك برىتانىيە ئارىلى، ئىرلاندىيە ئارىلى ۋە ئىسلاندىيە ئارىلى قاتارلىقلار بار. ئىچكى دېڭىزلاردىن قارا دېڭىز، ئېگېي دېڭىزى، ئادرىئاتىك دېڭىزى ۋە بالتىق دېڭىزى قاتارلىقلار بار.
ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يەر شەكلى بىلەن ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يەر شەكلى ناھايىتى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى200 مېتىردىن تۆۋەن بولغان تۈزلەڭلىكلەر تەخمىنەن ياۋروپا قىتئەسى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ57 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى500 مېتىردىن ئاشىدىغان ئېگىز جايلار ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ17 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى قىتئەلەر ئىچىدە ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى ئەڭ تۆۋەن قىتئە ھېسابلىنىدۇ. داڭلىق تۈزلەڭلىكلىرىدىن شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكى، ئوتتۇرا ياۋروپا تۈزلەڭلىكى ۋە غەربىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكى بار. بۇ ئۈچ تۈزلەڭلىك تۇتىشىپ،3500 كىلومېتىر دائىرىدە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ.
ياۋروپادىكى تاغ تىزمىلىرى ئاساسلىقى شىمالىي قىسىم بىلەن جەنۇب قىسىمغا مەركەزلەشكەن. جەنۇبىي ياۋروپادىكى ئالپ تاغ تىزمىسى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى3600 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ ئېگىز بولغان بلان چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى4810 مېتىر كېلىدۇ. شىمالىي ياۋروپادىكى سكاندىناۋىيە تاغ تىزمىسى تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان قەدىمىي تاغ تىزمىسى بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۇپرىتىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئېگىزلىكى پەسلەپ بارماقتا.
يەتتە قىتئە ئىچىدە ياۋروپادا دەريالار بىلەن كۆللەر ئەڭ كۆپ. ۋولگا دەرياسى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ دەريا، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى3690 كىلومېتىر، دەريا ۋادىسى كۆلىمى1 مىليون360 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ۋولگا دەرياسى روسىيىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى ياراتقان، شۇڭا روسىيە خەلقى ئۇنى «ئانا دەريا ۋولگا» دەپ تەرىپلەيدۇ. دۇناي دەرياسى مەشھۇر خەلقئارالىق دەريا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى2850 كىلومېتىر كېلىدۇ، غەربتىن شەرققە قاراپ ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئۇ ئەگرى - بۈگرى ھالەتتە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كۆپكۆك بەلۋاغنى ھاسىل قىلىپ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىگە چەكسىز ھۆسن قوشىدۇ، شۇڭا، «كۆك رەڭلىك دۇناي دەرياسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
ياۋروپا دۇنيا كاپىتالىزمى ۋە مۇستەملىكىچىلىكى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ياۋروپا يەنە ئاق تەنلىكلەرنىڭ يۇرتى بولۇپ،700 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە، ئۇ دۇنيادا ئەڭ زىچ رايون ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ شەھەر نوپۇسىنىڭ زىچلىقى تېخىمۇ چوڭ. ئەمما نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك ھالدا باشقا قىتئەلەرنىڭكىدىن تۆۋەن.