نامو كۆلى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
نامو كۆلى جۇڭگودىكى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان، كۆلىمى1940 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چىڭخەي كۆلىدىن قالسا جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ تۇزلۇق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. نامو كۆلى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى4718 مېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىكتە بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز تۇزلۇق سۇ كۆلىدۇر. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز تاتلىق سۇ كۆلى − جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى تىتىكاكا كۆلىگە قارىغاندا يەنە900 نەچچە مېتىر ئېگىز. شۇ يەردىكى زاڭزۇ خەلقى بۇ كۆلنى «نامسو كۆلى» دەپ ئاتايدۇ، موڭغۇل خەلقى «تېڭگېر دېڭىزى» دەپ ئاتايدۇ، «ئاسماندىكى كۆل»، «ئاسماندىكى دېڭىز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دۇنيادا نامو كۆلىدىنمۇ ئېگىز كۆللەر بار، بىراق ئۇلارنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن كىچىك.
نامو كۆلى لخاسا شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئېگىز تاغلار قار سۈيىنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغان. كۆل ئەتراپىدا ئوت - چۆپلەر بۇلۇق ئۆسكەن، شۇڭا يىل بويى مال باققىلى بولىدۇ. كۆل سۈيى ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ، كۆل تېگىنى كۆرگىلى بولىدۇ، كۆلدىن براخىمىستاكس بېلىقى بىلەن قاسىراقسىز بېلىق كۆپ چىقىدۇ.